تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا شۇنداق جىددىي كەيپىيات ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ.
23-چىسلا، تۈركىيە ، تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان بىر مىگ 23 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى.
گەرچە تۈركىيە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۈرىيە ئايروپىلانىنى ‹ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى › دەۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق ‹تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش › چۇقۇم ئېتىپ چۈشۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەيتى.
تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىم سۈرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.
تۈركىيە نىڭ،سۈرىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىشى،چىگرا كىرزىسى تېمپۇراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە بولدى.
تۈركىيە تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ ، بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چىگرادىن 1.5 كىلومىتىر ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى ، بىراق سۈرىيە تەرەپ بۇسۆزنى قۇبۇل قىلمىدى ۋە چىگرىدىن ھالقىپ كەتمىگەن دىدى.
ھازىر تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىي بۇلۇپلا قالماي ، تۈركىيە يەنە تېرورچىلارنىڭ تەھدىدىگە ئۇچراۋاتىدۇ، تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قۇيۇق بولغان، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېقىنقى كۈنلەردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، تۈركىيە يېقىندا بارلىق ئامال چارىلەرنى قوللىنىپ ، تۇركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى سۇلايمان قەبرىسىنى ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ دىدى.
سۇلايمان قەبرىسى ، تۈركىيە زىمىنىنىڭ سىرتىدا يەنى، سۈرىيە چىگرىسى ئىچىدىكى ، چىگرىغا 30 كىلومىتىر كېلىدىغان يەردە بۇلۇپ، ئوسمانلىلاردىن قالغان قەبرە.
سۈرەتلەر مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved