ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ئوكلاخوما ئىشىتاتىدىكى بىر شىركەت بالىلار ئۈچۈن ئالاھىدە مۇداپىئە گىلىمى ئىشلەپ چىقارغان . بۇ گىلەم بالىلارنى قارا قۇيۇن تەسىرىدە چۈشۈپ كەتكەن سۇنۇق پارچىلارنىڭ زەخمىسىدىن ساقلىيالايدىكەن ، شۇنداقلا تاپانچىنىڭ ئوقىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدىكەن .
بۇ خىل مۇداپىئە گىلىمى زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان پلاستماسسادىن ياسالغان بولۇپ ، بۇ خىل ماتىرىيال ئادەتتە ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن . بۇ گىلەمگە يەنە قېلىنلىقى 0.8 سانتىمېتىر كېلىدىغان تاسما ئورنىتىلغان بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئېسىشىغا ۋە مۇقىملاشتۇرۇشىغا قولايلىق ئىكەن . بۇ خىل مۇداپىئە گىلىمىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى سىتىۋ دوختۇر بولۇپ ، ئالدىنقى يىلى ئوھىئو ئىشىتاتىدا يۈز بەرگەن زور دەرىجىدىكى قارا قۇيۇن 7 نەپەر باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۇ بالىلارنى قوغدايغان بىر گىلەمنى لايىھەلەپ چىقىشنى ئويلىغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل مۇداپىئە گىلىمىنىڭ باھاسى مىڭ دوللار ( تەخمىنەن 6241 يۈەن خەلق پۇلى ) ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved