كۆپلىگەن كىشىلەر زۇكام بولغاندا قايناقسۇنى كۆپ ئىچىدۇ، قايناقسۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەتتە زۇكام دورىلىرى كۆپ تەرلىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بەدەن ئاسان سۇسىزلىنىدۇ. شۇڭا زۇكام دورىسى ياكى قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئىچىپ بولۇپ قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.
2. قىزىتمىنى ياندۇرۇش دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. تەرلەش ۋە كۆپ سىيىش بىلەن بەدەندىكى بىر قىسىم ئىسسىقلىق مىقدارى ئازىيىدۇ، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، تەرلەش ۋە كۆپ سىيىشمۇ قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنىڭ ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.
3. قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشنى ئازايتىدۇ. قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بەدەنگە كىرگەندە جىگەر، بۆرەكتە مېتابولىزم ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، %60 دىن %90 گىچە سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ.
ئەمما راك كېسىلى بىمارلىرى، بۆرەك، يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلەشكەنلەر زۇكام بولغاندا قايناقسۇنى ئاز ئىچىشى كېرەك ئىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved