بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش تۆت كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى شاۋى يېقىندا زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: « بارسېلوناغا نىسبەتەن مەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى خالىمايتتىم. چۈنكى ئۇلار ناھايىتى تەستە مەغلۇپ قىلغىلى بولىدىغان رەقىب. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ھۇجۇمچى دىيوگو كوستامۇ بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ بولغان ۋەھىمە ئېلىپ كېلىدۇ.»
شاۋى ئەڭ ئاۋۋال بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا مۇنداق دەيدۇ: « بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ناھايىتى ياخشى. ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىدىن كېيىن بىز بەك ھاياجانلاندۇق ھەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. بىزنىڭ بەدەن كۈچىمىز ئەڭ قالتىس ھالەتتە ھەمدە ئىدىيە جەھەتتىكى تەييارلىقىمىز پۇختا. بىز ئارزۇيىمىزدىكىدەك نەتىجە بىلەن كاردلون توپ مەيدانىغا سەپەر قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
شاۋى ئۇچۇقلا ئىقرار قىلىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش تۆت كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مادرىد رىقابەت بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى: «مەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقە ئويناشنى ياقتۇرمايمەن. چۈنكى بىز ئۆز ئارا چۈشىنىشىمىز. مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ئەزەلدىنلا كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان رەقىب ئەمەس. ئۇلارنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى بەك كۈچلۈك. مۇسابىقە ھەر بىر كىچىك ھالقىلاردىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مادرىد رىقابەت كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقە ئوينىساق پۇرسەت ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئۇلار بىلەن توپ تېپىش ئادەمگە ھۇزۇر ئاتا قىلالمايدۇ. بىز چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.»
كوكېنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى. شاۋى مادرىد رىقابەتنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادرولۇق ئەزاسى كوكونى ماختاپ مۇنداق دېدى: « كوكې بولسا ئادەتتىكى توپچى ئەمەس. ئۇ ئۆزىگە ھەممە نەرسىنى مۇجەسسەملىگەن: قابىلىيەت، بەدەن سۈرئەت… ئۇ كەلگۈسى ۋە ھازىرغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان توپچى. كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە كوكې ئىسپانىيە پۇتبولىنىڭ داھىيلىقىدەك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان توپچىغا ئايلىنالايدۇ. مېنىڭ ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆز قارىشىم بار، چۈنكى مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئورۇندا توپ تېپىمەن. كوكې ھەقىقەتەن ناھايىتى قالتىس توپچى.»
پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
تەھرىر: ئوسمان
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved