ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋىشى تەشكىلاتىمىز ئامېرىكا تۈرمىسىنىڭ ھاسىلاتى دېدى

ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر كاتتىۋىشى يېقىندا ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەييارلىقتىن باش كۆتۈرۈشكىچە بولغان جەريانىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا تەسىس قىلغان تۈرمە دەل كېيىنكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئالىي ئەزالىرىغا بىخەتەر ئالاقە ۋە پىلانلاش ئورنى ھازىرلاپ بەرگەن، ھالبۇكى بۇ تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋىشى ئەبۇبەكرى باغدادى قاماقتىكىلەرنىڭ ماجىراسىنى بېسقتۇرۇشقا ماھىر بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ تۈرمە ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلغان، ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان، ئاخىرىدا ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ئالىي كاتتىباش ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىى تۈرمىسى بولمىغان بولسا، ھازىرقى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىمۇ بولمىغان بولاتتى دېدى.


بۇ ئالىي كاتتىباشنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ئەبۇ ئەھمەد بولۇپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەڭ يادرولۇق ئەزالارنىڭ بىرى ئىكەن، ئۇ ئالدىنقى ئايدا ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى مارتىن چارروفنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىگە كىرىپ چىققاندىن كېيىنكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتىگە قاتنىشىش جەريانىنى بايان قىلدى.


ئەھمەد 2004-يىلى يازدا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بۇكا تۈرمىسىگە ئاپىرىلغان، ئۇ بۇ يەردە تۇنجى قېتىم باغدادى ۋە كېيىن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي كاتتىباشلىرى بولغان بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن تونۇشقان.


ئەھمەد مەن ئەينى چاغدا بۇكا تۈرمىسىگە كىرىشتىن ناھايىتى قورققان ئىدىم، بىراق تۈرمىگە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەرنىڭ ئويلىغىنىمدىن بەكلا ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ھەتتا بىزگە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى دېدى.

 

ئەھمەد پايتەخت باغداد ياكى باشقا جايلاردا، بىز بارلىق ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلىدىغان بۇنداق ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق. بۇ خىل ئۇسۇل تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە خەتەرلىك ئىدى، بىراق بۇ تۈرمىدە بىز بىخەتەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل بازا تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز پەقەت نەچچە يۈز مېتىرلا كېلەتتى دېدى.


بۇكا تۈرمىسىگە ئەينى چاغدا 24 مىڭچە ئادەم قامالغان بولۇپ، 24 رايونغا ئايرىلغان. قامالغانلار قامالغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، تۈرمىدە جىنايەت سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەم خەتەر دەرىجىسىگە ئاساسەن، قىزىل، ئاپېلسىن، سېرىق، يېشىل قاتارلىق ئوخشىمىغان رەڭدىكى مەھبۇسلار كىيىمىنى كىيگەن مەھبۇسلارغا ئايرىلغان. نۇرغۇن ئەسەبىيلەر تۈرمىدە بىر-بىرىدىن ئايرىپ قويۇلماستىن، بەلكى ئۆز ئارا ئالاقە قىلالايدىغان شارائىت يارىتىلغان، ھەتتا يوشۇرۇن سۇيىقەست پىلانلىغان.


ئەھمەد مۇنداق دېدى: بىزگە بىر يەردە ئولتۇرۇپ پىلان تۈزۈشكە بەك كۆپ ۋاقىت بار ئىدى، بۇكا تۈرمىسىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى دېيىشكە بولاتتى، بۇ بىر مۇكەممەل مۇھىت ئىدى، بىز تۈرمىدىن چىققان ھامان قايتىدىن يىغىلىشقا قوشۇلغان ئىدۇق دېدى.


ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈرمىسى ئەسەبىيلەرگە يىغىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باغدادىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگىمۇ شاھىت بولغان. باغدادى 2003-يىلى بىر قوراللىق تەشكىلات قۇرۇشقا ياردەملەشكەن، 2004-يىلى 2-ئايدا فاللۇجاھتا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بىراق، ئاشۇ تەشكىلاتنىڭ ئەينى چاغدا نامى كۆزگە چېلىقمىغان ئىدى، باغدادىنىڭ نامىمۇ ئەينى چاغدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى شۆبىسىنىڭ كاتتىۋىشى ئەبۇ مۇساب زاكاۋىينىڭكىدەك داڭلىق ئەمەس ئىدى.

 

باغدادىنىڭ ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى تۈرمىمۇ ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئەھمەد بىلەن بۇ يەرگە بۇرۇن قامالغان يەنە ئىككىيلەن «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا، باغدادى ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئاۋارىچىلىكنى بېسىقتۇرغۇچى دەپ قارىلىپ، تۈرمىنىڭ تۈرلۈك مەزھەپ ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرمىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا ياردەملەشكەن دېدى.


ئەھمەد ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى باغدادىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى، ئەگەر ئۇ باشقا بىر تۈرمە رايونىدىكى ئادەمنى تاپماقچى بولسا تامامەن مۇمكىن ئىدى، ئەمما بىز ئۇنداق قىلالمايتتۇق، دەل مۇشۇ باسقۇچتا، باغدادى يېتەكچىلىك قىلغان بىر يېڭى تاكتىكا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۆز ئالدىدا يوشۇرۇن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى تەشكىللەش ئىدى دېدى.


ئامېرىكا ئارمىيەسى 2004-يىلى 12-ئايدا باغدادىنى ئەمدى بىزگە تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ دەپ قاراپ، قويۇپ بەرگەن. «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ھۆكۈمىتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يادرولۇق 25 كاتتىۋىشىنىڭ 17 سى 2004-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئامېرىكا ئارمىيەسى تىزگىنلەپ تۇرغان ئىراق تۈرمىلىرىدە تۇرغان، بىر قىسىملىرى كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراق دائىرىلىرىنىڭ قاماققا ئېلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، نەچچە يىلدىن بۇيانقى بىر يۈرۈش تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەلىرى ئارقىلىق قېچىپ چىققانلار ئاخىرىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بولۇپ قالغان دېگەن.

 

ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاخبارات مەسلىھەت كارخانىسى بولغان سۇفان گۇرۇھىنىڭ بىخەتەرلىك تەھلىلچىسى پاترىك سىكىننېر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ھەم خېلى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا قاتلام ۋە ئاساسىي قاتلام ئەسكەرلىرى بۇكا تۈرمىسىدىن كەلگەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇكا تۈرمىسىگە قامالغانلار نەچچە ئون مىڭغا يەتكەن. ئۇلار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، قىلىدىغان ئىشى بولمىغاچقا، بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇغان. ئەلۋەتتە، ئۇلار تۈرمىدە بۇنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن دېدى.


بۇ ئاخبارات دەرۋەقە ئامېرىكىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ قالدى، باغدادى ئاخىرىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈرمىسىگە تايىنىپ، بۈگۈنكى يامان ئاتىقى بەك چىقىپ كەتكەن ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋىشىغا ئايلىنىپ، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.


بۇكا تۈرمىسىنىڭ سابىق قوماندانى كېننىت كىڭ ئەسلەپ، باغدادى تۈرمىدىن چىققاندا، تۈرمىدىكى ئامېرىكىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا بىر قاراپ قويۇپ، مەن كەلگۈسىدە سىلەر بىلەن نىيۇيوركتا كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن دېگەن ئىدى دېدى.

 


بىخەتەرلىك تەھلىلچىسى سىكىننېر بۇكا تۈرمىسىدىكى ئامېرىكىنىڭ باشقۇرغۇچى قاتلىمى قامالغانلارنى ئەڭ قاتتىق ئايرىشقا تېرىشقان، لېكىن ئادەم بەك كۆپ بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى يېتىشەلمەي، قامالغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تولۇق تىزگىنلەپ بولالماي، بۈگۈنكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يوشۇرۇن خەتەر قالدۇرۇپ قويغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەينى چاغدا ھېچكىممۇ باغدادىنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن تېررورلۇق جىنايىتىنى سادىر قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان دېدى. 2003-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولغان ئەلى ھەيدەر «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار كېيىن ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈرمىسىدە كۆزلىگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۈنۈمنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، تۈرمىدىكى كىشىلەر ئەسەبىيلەر تەرىپىدىن ھۇجۇم پىلانلاش، تەشكىللەش، رەھبەرلىككە تەيىنلەش ھەم قوزغاش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلغان دېدى.



خەتكۈچلەر:
17-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek