سەنشىدە بارلىق ئەر-خوتۇنلار 30 كۈنلۈك تويلۇق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ

    سەنشىدە بارلىق ئەر-خوتۇنلار 30كۈنلۈك تويلۇق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ

     ئايال تەرەپ 60كۈنلۈك تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ


20-يانۋار، سەنشى ئۆلكىلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، سەنشى ئۆلكىسىدە 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ماس كېلىدىغان پەرزەنتلىك بولغان ئايال تەرەپ دۆلەت ۋە سەنشى ئۆلكىسى بەلگىلىگەن تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش ئاساسىدا يەنە تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشنى 60كۈن ئۇزارتىش بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.

20-يانۋار، سەنشى ئۆلكىلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا قارىتا چۈشەندۈرۈش بەردى. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 18-قېتىملىق يىغىنىدا ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سەنشىدە 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت سىياسىتى يولغا قويۇلدى، ئىككى ۋە ياكى ئىككىدىن ئاز پەرزەنتلىك بولۇشتا تەستىقلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق بولدى، تۇغۇت مۇلازىمەت تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، پەرزەنتلىك بولۇشنى ئائىلىلەر ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى. «نىزام»دا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولغان، ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىن جىق پەرزەنتلىك بولماقچى بولغانلار يەنىلا بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش كېرەك. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپنىڭ كىملىكى (نوپۇس دەپتىرى)، ئانكىتىنى ئېلىپ بىر تەرەپنىڭ نوپۇسى بار ياكى ھازىر تۇرۇشلۇق جايدىكى كەنت (مەھەللە) گە بېرىپ تۇغۇت مۇلازىمەت تىزىملاش ئىشلىرىنى ھەقسىز بىجىرسە بولىدۇ، ۋە ياكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئورگانلىرى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىق-ساقلاش ئورگانلىرىغا بېرىپ، تۇغۇت مۇلازىمىتىنى تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام»دا، قانۇن بويىچە توي قىلىشنى تىزىملاتقان ئەر خوتۇنلار 30 كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن؛ بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ماس كېلىدىغان بالىلىق بولغان ئايال تەرەپ دۆلەت ۋە سەنشى ئۆلكىسى بەلگىلىگەن تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئاساستا، تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشنى 60 يەنە كۈن ئۇزارتىش بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن، ئەر تەرەپ 15 كۈنلۈك ئاسراش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن؛ سەنشى ئۆلكىسى يەنە تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش ۋە ھەمراھىنىڭ تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت «نىزام»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ماس كەلسىلا، بىرىنچى بالا، ئىككىنچى بالا ۋە ياكى شەرتكە ماس كېلىدىغان، قانۇن بويىچە تۇغۇلغان ئۈچۈنچى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرىسىدىكى بالىسى ئۈچۈن، ئايال تەرەپ تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشنى ئۇزارتىشقا بولىدىكەن ھەمدە ئەر تەرەپ ئاسراش دەم ئېلىش مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. تويلۇق دەم ئېلىش، تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش، ئاسراش مەزگىلىدە، ئىش ئورنىدىكى خادىملار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.




خەتكۈچلەر:
21-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek