1922-1921-يىللىرى ئېچىلغان ۋاشىنگىتون يىغىنى ئامېرىكىنىڭ كونا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تاشلىغان يەنە بىر زور قەدىمى .گەرچە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مەقسىتى ئاساسلىقى ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بولسىمۇ ،لېكىن بۇنىڭدا بەزى دۇنياۋى مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى ،بەزى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر ئىمزالاندى .
ئۇلاردىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغىنى ‹بەش دۆلەت دېڭىز ئارمىيە كېلىشىمى ›دۇر.بۇ كېلىشىم ئامېرىكا ،ئەنگلىيە ،ياپونىيە ،فرانسىيە ،ئىتالىيە بەش دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرى ئاساسلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئومۇمى تونناژ نىسبىتىنىڭ 5:5:3:1،75:1.75بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى .بۇ كېلىشىم ئامېرىكىنى ئەنگلىيە بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈپ ،ئۇنىڭ ياپونىيىگە بولغان دېڭىز ئارمىيە ئۈستۈنلۈكىنى تىكلىدى .
بۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيا زومىگەرلىكىنى تىكلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ،ئامېرىكا ‹تۆت دۆلەت شەرتنامىسى ئارقىلىق ئەنگلىيە ،ياپونىيە ئىككى دۆلەتنى ئۆزىگە تىز پۈكۈشكە مەجبۇرلىدى ،ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن ئەنگلىيە -ياپونىيە ئىتتىپاقىنى بىكار قىلغۇزۇپ ،ئۆزىنىڭ غەربىي تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى تىكلىدى .
جۇڭگو مەسىلىسىگە قارىتا ئىمزالانغان ‹توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى ›ياپونىيىنىڭ جۇڭگونى مۇستەقىل ئىگىلىۋېلىش غەرىزىنى بىتچىت قىلىپ ،ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى كېڭەيمىچىلىگە ئاساس سالدى .كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ،ۋاشىنگىتون يىغىنىدا ئامېرىكا ئاز بولمىغان مەنپەئەتكە ئېرىشتى .ھەمدە ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى .
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پائالىيەتلەر ئامېرىكىنىڭ يىگانىپەرەسلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقىدۇر .ھالبۇكى يىگانىپەرەسلىك ئامېرىكا شۇ قەدەر مۇستەھكەم ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانكى بىر ئىككى قەدەم بىلەن ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن ئوڭشاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى .بۇ مەسىلىدە ۋەزىپە ئېغىر ،يول يىراق .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئامېرىكىغا بۇ ھالقىلىق پۇرسەتنى ئېلىپ كەلدى .ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتە روزۋېلتنىڭ ئوينىغان رولى گەۋدىلىك بولدى .
فرانكلىن روزۋېلت 1933-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى .ئۇ تەخىتكە چىققان يىللاردا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ ئىدى .1929-1933-يىللار ئارىلىقىدىكى كاپىتالىزم دۇنياسىدىكى مىسلىسىز ئىقتىسادى كرىزىس دۇنيا ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى .ياۋروپادا ناتسېستلار پارتىيىسى ۋەكىللىكىدىكى فاشىست كۈچلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى .گېتلېر گېرمانىيە خەلقىنىڭ ۋېرسال كېلىشىمىگە بولغان نەپرەتلىنىش كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ پۈتكۈل كۈچى بىلەن رادىكال مىللەچلىلىكىنى تەرغىپ قىلىپ ،كىشلەرگە ئەسەبىي ئۇرۇش ئىدىيىسىنى سىڭدۈردى .ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىكى فاشىست ئۇنسۇرلارمۇ تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈپ ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە روشەن تەھدىت پەيدا قىلدى .
بۇ ئىككى فاشىستىك دۆلەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە بولغان خەتىرىمۇ كۈنسايىن گەۋدىلىنىشكە باشلىدى .ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئەنگلىيە ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتمۇ ناھايىتى كەسكىن بۇلۇپ ،بۇ زىددىيەت ئاساسلىقى پۇل -مۇئامىلە ۋە سودا جەھەتتە ئىدى .ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادى كىرزىسمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇراتتى .گەرچە روزۋېلتنىڭ يېڭى سىياسىتى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ ،لېكىن كاپىتالىزمنىڭ زىددىيىتىنى كېلىشتۈرۈش مۇمكىن بولمىغاچقا ،كرىزىسنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرۇشمۇ تەبئىي ئەھۋال ئىدى .1937-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا يەنە ئىقتىسادى كرىزىس كۆتۈرۈلدى .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىقتىسادىي ئاندىن ئەسلىگە كەلدى ۋە تەرەققىي قىلغىلى تۇردى .
بۇنچە مۇرەككەپ ۋە ئېغىر بولغان دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارىتا روزۋېلت ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرىمۇ ناھايىتى جانلىق بولدى .ئالدى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىتەرەپلىك قانۇنىنى ماقۇللىدى .ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق زور ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە قارىتا تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان پوزىتسىيە بىتەرەپلىك بۇلۇش كېرەك دەپ ھېسابلىدى .چۈنكى بىتەرەپ تۇرمىغاندا ئېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى .بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەتتى .بىتەرەپلىك قانۇنى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قورال ياراغ ۋە زۆرۈر ئەشيالارنى ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارغا توشۇشنى چەكلىدى .ئەنگلىيە يېقىنلىشىشىغا باشلاپ ئامېرىكا گېرمانىيىگە قارىتا بەزى قاتتىق قول تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى .مەسلەن گېرمانىيە تاۋارلىرىنىڭ ئېكسپورت بېجىنى ئۆستۈرۈلۈش قاتارلىقلار .بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ،گېرمانىيە ئامېرىكىغا تېخىمۇ رېئال تەھدىت پەيدا قىلغان ئىدى .
گېرمانىيە لاتىن ئامېرىكىسى ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى مەبلىغىنى سىقىپ چىقىرىشقا باشلىدى .مەنروئزمىنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن ،ئامېرىكا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى .ياپونىيىگىمۇ بەز چەكلەش تەدبىرىنى قوللاندى .ئىجارىگە بېرىش قانۇنىنى بىتەرەپلىك قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ،ئۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان بەزى ھەربىي قورال -ياراغ ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئەنگلىيە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجارىگە بەردى .سوۋىت -گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ،ئىجارىگە بەدرى .سىۋىت -گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئىجارىگە بېرىش قانۇنىنىڭ ياردىمىدە سىۋىت ئىتتىپاقىمۇ ئامېرىكىدىن ئاز بولمىغان ھەربىي ماددىي ئەشيالارغا ئېرىشتى .ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى ،يۇقىرىدا دېيىلگەن زور تەدبىرلەرنى روزۋېلت يىگانىپەرەسلەرنىڭ غايەت زور بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ تۇرۇپ ئىجرا قىلغان .قانداقلا بولمىسۇن بۇنى روزۋېلت يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە جاسارىتىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ .
1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرى پيورل -خاربور پورتىنى ئوغرىلىقچە بومباردىمان قىلدى . بۇ قېتىمقى ئوغرىلىقچە بومباردىمان ئۈچۈن ،ياپونىيە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان بولغاچقا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى .ھەمدە ئامېرىكا تىنىچ ئوكيان فلوتىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى .بۇ ئامېرىكىنىڭ بىخەستىلىكىنىڭ ئاقىۋىتى ئىدى .ئامېرىكا گەرچە بىتەرەپلىك قانۇنى .ئارقىلىق بەزى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ ،لېكىن ياپونىيە يەنىلا ئامېرىكىنىڭ قولىدىن داۋاملىق ھالدا نۇرغۇن ماددىي ئەشيالارنى قولغا كەلتۈردى .بۇنىڭدا ماداراچىلىق سىياسىتى ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ قىسمەن تەلىپىنى قاندۇرۇش بەدىلىگە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەش كۆزلەنگەن ئىدى .ھالبۇكى ياپونىيە پيورل -خاربور پورتىنى ئوغرىلىقچە بومباردىمان قىلىش بىلەن ئامېرىكىغا جاۋاپ قايتۇردى .
پيورل -خاربور ۋەقەسى ئامېرىكا تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى .12-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنى پيورل -خاربور ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلدى .شۇنىڭدىن باشلاپ يىگانىپەرەسلىككە ئازراقمۇ ئورۇن قالمىدى .چۈنكى دۆلەت زېمىنى تاجاۋۇزقا ئۇچرىدى .بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن نومۇس ،بارلىق كۈچ -قۇدرەتنى ئىشقا سېلىپ تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بېرىش كېرەك ئىدى .
پيورل -خاربور ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا ،سۋېت -گېرمانىيە ئۇرۇشى ئاللىبۇرۇن پارتلىغان بۇلۇپ ،بۇ ئىككى دۆلەت ئۇرۇش ھالىتىدە تۇراتتى .ھازىر ئامېرىكا ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى .بۇ ئەلۋەتتە بىرلا ۋاقىتتا گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەگىمۇ ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق ،چۈنكى گېرمانىيە ،ياپونىيە ،ئىتالىيە بۇ ئۈچ فاشىستىك دۆلەت ئىتتىپاق تۈزۈشكەن بۇلۇپ ،دۇنيانى بويسۇندۇش ئۈچۈن كېڭەيمىچىلىك يولىغا ماڭغان ئىدى .شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا ئىلگىركى يىگانىپەرەسلىكتىن ئۈزۈل كېسىل ۋاز كېچىپ ،ھەققىي ھالدا دۇنيا ئىشلىرىغا قول تىقىشقا ،قول تىقىشلا ئەمەس مۇھىم ھەتتا ھەل قىلغۇچ رول ئويناشقا باشلىدى .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەنگلىيە فىرانسىيەلەرنى ئېچىنىشلىق دەرىجىدە ئاجىزلەشتۇرۋەتتى ،ئەنگىلىيىنىڭ دۇنيا زومىگەرلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرۇشقا قۇربى يەتمىدى .بۇنىڭ ئەكسىنچە ئامېرىكا ئۇرۇشتا تازا كۈچىيىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي ئەسكەر ئەۋەتتى ،قوشۇن تۇرغۇزدى ،ھەم تەدىرىجىي ھالدا ئەنگىلىيىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ھەقىقىي ھالدا دۇنياۋى زومىگەرلىك سىستېمىسىنى ئورناتتى .ئۇرۇشتىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا ئەندىزىسى مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر .
دۇنيا تارىخىغا نەزەر سالساق ،بىز شۇنى بايقايمىزكى ھازىرغا قەدەر دۇنيا مىقياسىدا زومىگەرلىك سېسىتىمىسى ئورناتقان دۆلەت ئىككى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا .ئۇلار بىلەن رىقابەتلەشكەن ئاساسلىق دۆلەتلەردىن گېرمانىيە ياپونىيە سىۋىت ئىتتىپاقىلا بار .لېكىن بۇ رىقابەتلەشكەن دۆلەتلەر بىر بىرلەپ ۋەيران بولدى .ئامېرىكا ئەنگىلىيىنىڭ دۇنيا زومىگەرلىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە بىلەن بىۋاستە رىقابەتلەشمىدى .
تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئەنگلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشتى ۋە شۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى تارتىۋالدى .بۇ تارىخى ئەمەلىيەت بىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
لەگلەك تورى مەخسۇس يېزىپ تەييارلىدى .
مەنبە :يۈچۈن ،دۇڭ شىياۋچۈن ئاسالىق تۈزۈگەن ‹دۇنيا تارىخى پىروگىراممىسى ›دىن ئېلىندى .1999-يىلىدىكى نەشرى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved