مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىككىسى، مىچىل ئوباما يولدىشى بىلەن بىرلىكتە ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت ئەھۋالى دوكلات نۇتۇقىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ كىيگەن سېرىق رەڭلىك كۆينىكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەسلىدىمۇ بوي-بەستى قامەتلىك بولغان مىچىلغا بۇ كىيىم ناھايىتى ياراشقانىدى. ئەسلىدىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بۇ بىرىنچى خانىم تېخىمۇ يېقىشلىق بولۇپ قالغانىدى.
بۇ كۆينەكنى كۇبالىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق لايىھىلىگۈچى لايىھىلىگەن بولۇپ، بۇ يەردە مۇكەممەللىككە يېقىنلاشقان بىرىنچى خانىم بىلەن مودېل قىزنىڭ بەدىنىدىكى بۇ كۆينەك سېلىشتۇرما قىلىنغان. ھەقىقەتەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل قىياپەت. بۇ يەردە مودېل خانقىز بولسا ئاق ياقىلىق ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى كۆرسەتكەن بولسا، بىرىنچى خانىم مىچىل سالاپەتلىك كۈچلۈك ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلغانىدى
تۆ يىل بۇرۇن، مىچىل ئوباما ئەينى چاغدا يېڭى بولغان Jason Wu نىڭ ئاق رەڭلىك مۇراسىم كىيىمىنى كىيگەنىدى. ئوباما تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىكى ئەھۋال ناھايىتى ئېنىق. كېيىن ئۇ يەنە بۇ ياش جۇڭگولۇق لايىھىلىگۈچى لايىھىلىگەن كىيىمنى تاللىغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بۇ قىزىل رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى ئىدى.
2011-يىلى، دۆلىتىمىز ئالدىنقى رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە بارغاندا، مىچىل ئوباما Sarah Burton نىڭ ئوچۇق قىزىل رەڭلىك مۇراسىم كۆينىكىنى كىيىپ كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىققانىدى.
قارىماققا مىچىل ئوبامانىڭ قىزىل رەڭگە نىسبەتەن ئالاھىدە قىزىقىشى باردەك قىلاتتى. ئۇنىڭ قىزىل كۆينەك كىيىشى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، باشقا ماسلاشتۇرۇش قىلمايتتى. دائىم قىزىل رەڭلىك كۆينەك بىلەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ، كىشىگە ناھايىتى سالاپەتلىك تۇيغۇ بېرەتتى. ئاددىي ھەم ئېسىل بولۇش مۇشۇ بولسا كېرەك.
ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى مىچىل ئوباما بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەرگەنىدى، يەنى بەدەن شەكلى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان رەڭنى تېپىپ چىقىش. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاددىي بولغان مۇراسىم كىيىملىرى بىلەنمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
2014-يىلى مىچىل ئوباما شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى چىققاندىمۇ يەنە قىزىل رەڭلىك كۆينەكنى كىيگەنىدى.
ھەر خىل رەڭلەردىن تەركىپ تاپقان كۆينەكمۇ مىچىل ئوبامانى ناھايىتى ئېسىل سۈپەت كۆرسەتكەن.
نىيويورۇكتىكى جۇڭگولۇق لايىھىلىگۈچى ۋۇ لىگاڭ. مىچىل ئوبامانىڭ يولدىشىنىڭ ئىككى قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا كىيگەن كۆينەكلىرىنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ جۇڭگولۇق لايىھىلىگچى ۋۇ لىگاڭ تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن. ئۇنىڭ لايىھىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن. بەلكىم تېرىسى قارامتۇل بولغان نۇرغۇن كىشىلەر ئاق رەڭنى تاللىماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بۇنداق ماسلاشتۇرغاندا قارا كىشىنى تېخىمۇ قارا كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. لېكىن، مىچىل ئوباما ئۆزىنىڭ خىيالىغا كەلگەننى قىلىدىغان ئايال، ئاق رەڭنى تاللىغۇسى كەلسە تاللاۋېرىدۇ. بۇ ئاق رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى مىچىل ئوبامانى بىر خىل بىلىملىك گۈزەللەردىن قىلىپ كۆرسەرتكەن، ئەكسىچە ھەممە كىشىنىڭ نەزىرىدىكى ئاددىي ھالدا چىرايىنى تېخىمۇ قارا كۆرسىتىش ئەمەس.
مىچىل خانىم Junya Watanabe دا.
مىچىل خانىم Roksanda Ilincic دا.
مىچىل خانىم Thakoon دا.
مىچىك خانىم Naeem Khan دا.
مىچىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى لاھىيىلىگۈچىلەرگە بولغان قوللىشى، مىچىلنى كىيىنىش جەھەتتە مودا كۆرسىتىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ بىر نەچچە يۈرۈش كىيىمنى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى لايىھىلىگۈچىلەر لايىھىلىگەن بولۇپ، ھەر بىر يۈرۈشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇبى بار. مىچىل خانىم بۇ كىيىملەر بىلەن ناھايىتى تەبىئىي ھەم سالاپەتلىك چىققان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved