ئامېرىكا رۇسىيەنى پارچىلاشنىڭ كويىدا ئىكەن

 رېيتىر ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 26- يانۋار تېلېگراممىسى: رۇسىيەدىكى مەلۇم گېزىت 25- يانۋار رۇسىيە خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ كاتىپى پاترۇشېفنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ: «ئامېرىكا رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىزنىڭ مول كان بايلىقىمىزغا ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن.

 ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبلىك رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن، رۇسىيەدە غەرب ئەللىرىگە قارشى كەيپىيات كۆتۈرۈلگەن.

 پاترۇشېف «رۇسىيە كوممۇنىستىك ياشلار گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىرى دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن نىشان بەلگىلىدى، ئۇلار رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئۇلار رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى پارچىلاپ، رۇسىيەنىڭ بايلىقىنى ئىگىلەشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىدۇ، بىراق ئامېرىكىلىقلارنڭ بۇ بايلىقلارنى ئىشلىتىشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ».

   ئۇ يەنە ش ئا ئە ت نىڭ كېڭىيىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 رۇسىيە «نۇقتىئىنەزەر گېزىتى» تور بېكىتى، 26- يانۋار خەۋىرى: پاترۇشېف مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى توغرىسىدىكى قىلغان سۆزلىرى سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ سۆزىدىن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى توغرا چۈشىنىپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى رىقابەتكە ئىنكاس قايتۇرىدىغان سىياسىي مەقسىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 پاترۇشېف رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ پۇتىن دەۋرىدە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىۋانوۋ ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف قاتارلىقلار بىلەن بىللە دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان تۆت ئادەمنىڭ بىرى بولغاچقا، غەرب ئەللىرى ئۇنى «قۇرغۇي» دەپ ئاتىۋالغان. بۇ تۆتەيلەننىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە بەرگەن باھاسى رۇسىيەنىڭ باش نىشانى بىلەن پىرىنسىپ جەھەتتە ھېچقانداق پەرق مەۋجۇت ئەمەس.

  پاترۇشېف شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن رۇسىيەنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇشى كېرەك، ئۇلار رۇسىيەنى پارچىلاش ئارقىلىق بۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. ئامېرىكا ئەگەر زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا رۇسىيەنى پارچىلاشتا كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىيالايدىغانلىقىغا ھەم رۇسىيەنىڭ مول بولغان بايلىق دەرۋازىسىنى ئېچىشىغا ئىشىنىدۇ».  

  مەيلى پۇتىن ياكى لاۋروف بولسۇن، رۇسىيە رەھبەرلىرى كېيىنكى قىرىم دەۋرىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغاندا ئومۇمەن ئەيمەنمەيدىغان بولۇپ كەتكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاشكارە جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش باسقۇچىغا كىرگەن، ئادەتتە ئەڭ سالماق بولغان پاترۇشېفمۇ ئۆتكۈر بولۇپ كەتكەن. كىرېمىل سارىيى ئىزچىل ئامېرىكا بىلەن بولغان قارشىلىشىشنى ھەرگىزمۇ رۇسىيەنىڭ ئاۋۋال تېرىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەچكە، پاترۇشېف: «ھازىرقى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى ئامېرىكا. ياۋروپا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ ش ئا ئە ت نىڭ ‹ئەڭ مۇستەقىل› ئەزالىرىنى (فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە) بىتەرەپلەشتۈرۈۋاتىدۇ، ئامېرىكا ش ئا ئە ت نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ كەتتى» دېگەن.

  پاترۇشېف ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدىغان دۆلەت، ئۆز - ئۆزىنى قوغداشقا تامامەن قۇربى يېتىدۇ. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى يالغۇز ئىقتىساد مەسىلىسى ئەمەس، ئۇ چاغدا رەھبەرلەر نىشاندىن چەتنەپ كېتىپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان ھەم دۆلەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان چارىنى تاپالمىغانىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار زۆرۈر بولغان سىياسىي غەرىزىنى نامايان قىلمىدى، ئىقتىسادتىمۇ زۆرۈر تەدبىر قوللانمىدى. ھازىرقى رۇسىيە رەھبەرلىرى ئاساسىي قانۇننى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي جەھەتتىكى ئىرادىسىنى كۆپ قېتىم نامايان قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن بولماستىن، بەلكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن. ھازىرقى كىرېمىل سارىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى، ئۇلار ھەربىر قارارىغا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دۆلەتنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ئىرادىسى بار».

   «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» تور بېكىتى، 26- يانۋار خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بۈگۈن مۇنداق دېدى: «مەن رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن، بىراق رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن كېلىشەلمىگەن ھەر قانداق مەسىلىدە يول قويۇشنى خالىمايدۇ».

 لاۋروف موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «رۇسىيە مۇۋاپىق شارائىتتا غەرب ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېلىشىمنى بىزگە تېڭىشنى ھەم بىزنى بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ كويىدا بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز».



خەتكۈچلەر:
29-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek