سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيە تەرەپنىڭ باياناتچىسى 8-ئاپرېل مۇنداق دېدى: يەمەننىڭ ئەتراپىدىكى خەلقئارا سۇ ساھىلى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتىغا ئېچىۋېتىلگەن، ئىراننىڭ بۇ سۇ ساھىلىگە ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىشى نورمال ئىش.
ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى سايالى 8- ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ 34- فىلوتى شۇ كۈنى ئادىن قولتۇقى بىلەن ماندى بوغۇزىغا يۈرۈپ كەتتى. ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: 34- فىلوت ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ئابباس پورتىدىن يولغا چىققان بولۇپ، ئەشيا تولۇقلاش پاراخوتى ۋە قوغلىغۇچى پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 3-ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى كونترول قىلىپ تۇرغان رايونلارغا كەسكىن بوران ناملىق ھاۋا ھۇجۇمىنى قوزغىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved