ئانالىز جەريانىدا، ئوخشىمىغان ئانالىزچىلارنىڭ كۆزىتىش ئۇسۇلى ۋە ۋاستىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان گىرافىكلار ۋاقىت ئېتىبارى جەھەتتىن مىنۇتلۇق، سائەتلىك، كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق ۋە يىللىق گىرافىكلارغا ئايرىلىدۇ.
مىنۇتلۇق گرافىك: مىنۇتنى ۋاقىت بىرلىكى قىلغان مەلۇم بازاردىكى باھا ئۆزگىرىشنى كۆزىتىش ھەمدە قىسقا مەزگىللىك سودا پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە كۆپ قوللىنىدىغان مىنۇتلۇق گرافىكلاردىن 5 مىنۇتلۇق، 15 مىنۇتلۇق، 30 مىنۇتلۇق گرافىكلار بار، 5 مىنۇتلۇق گرافىك كېيىنكى 15 مىنۇتلۇق بازارغا ھۆكۈم قىلىشتا، 15 مىنۇتلۇق گرافىك كېيىنكى 30 مىنۇتلۇق بازارغا ھۆكۈم قىلىشتا قوللىنىلىدۇ. مىنۇتلۇق گرافىك ئادەتتە بازار ئۆزگىرىشىنى ئەڭ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ.
سائەتلىك گرافىك: نىسپى مۇقىم بولغان بازار ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئادەتتە قىسقا سودا قىلغۇچىلار سائەتلىك گرافىكتىن پايدىلىنىپ بازارنى تەھلىل قىلىدۇ. سائەتلىك گرافىك ئارقىلىق باھا ئۆزگىرىشىدىكى بېسىم نۇقتا ۋە تىرەش نۇقتىلىرىنى، بازارغا كىرىش ۋە بازاردىن چېكىنىشتىكى پەيتلەرنى تاللاشقا بولىدۇ.
كۈنلۈك گرافىك: كۈنلۈك گرافىك ئارقىلىق ئىلگىرىكى سودا كۈنلىرىدىكى باھا ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىپ، ھەپتىلىك سودىدا بازارغا كىرىش، بازاردىن چېكىنىش نۇقتىلىرىنى توغرا ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.
ھەپتىلىك، ئايلىق، يىللىق گرافىكلارمۇ يۇقىرىقى قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنىدۇ. بۇلارنى كۆپىنچە ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ۋاقىت بۆلىكىدە سودا تاماملايدىغانلار كۆپ ئىشلىتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved