بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 مىنۇت ئۆتكەندە 2013-2014 پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچپۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى مانچىستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككى كوماندا بىردىن توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 1-1 نەتىجىدە بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى بىلەن تەڭلەشتى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى بار كۈچىنى تىكىپ ئوينىدى.بىراق بايرىن مىيۇنخېن تېزلا مۇسابىقىنىڭ ئاكتىپلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىۋالدى. گەرچە ھەر ئىككى كوماندا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ بىراق ئالدىنقى يېرىم مەيدان 0-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
58 مىنۇت بولغاندا مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. رۇنى بۇلۇڭ توپ تېپىپ ئوتتۇرا يولغا تاشلىدى.ۋىدىچ ھېچقاندق ئادەم مۇداپىئە قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كاللا توپ كىرگۈزدى. مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى 1-0 نەتىجە بىلەن بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.
67 مىنۇت بولغاندا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى نومۇرنى تەڭلەشتۈردى.مەنزىجىچ توپنى كىچىك چەكلەنگەن رايۇندىن ئوتتۇرا يولغا تاشلىدى. سىۋېنسىتاج سول پۇتى بىلەن كۈچەپ تەپتى. توپ كىردى. نەتىجە 1-1 ھالەتكە كەلدى.
ئاخىرىدا مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 1-1 نەتىجە بىلەن چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى بىلەن تەڭلەشتى.
پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ ياخشى دېگەن نامغا كېلەر پەسىلدە مانچىستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىدىغان ۋىدىچ ئېرىشتى. چىرايلىق كىرگۈزۈلگەن كاللا توپ باشقىلار تەرىپىدىن ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان مانچىستېر بىرلەشمە كۇلۇبىغا تەڭلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
مانچىستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققانلار:دېخيا. فېر جونس. فىداند. ۋىدىچ. بۇتنا. ۋالۇنسىيا. كارىك. فرانى. گىگىس. رۇنى. ۋېربېك.
بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققانلار:نور. رافىنىيە. بۇئاتۇن. مارتىنىس.ئالابا. سىۋېنسىتاج. رام. روبىن. كروس. رىبىرى. مۇللېر.
ئىككى تەرەپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى 4-ئاينىڭ 10 -كۈنى بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پۇتبول تورى خەۋىرى. لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved