پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【چېلسىي كۇلۇبى 3-5 توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ مانچىستىر شەھىرىر كۇلۇبى بىلەن نومۇردا تەڭلىشىپ قالدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 1:30 ئۆتكەندە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغن بىر مەيدان مۇسابىقىسى يەنى لوندون دېربىسى توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا چېلسىي كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. دىيوگو كوستا بىلەن كارىن بىردىن توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 1-1 بولدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشاي دېگەندە روسى توتىنھام ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزدى. قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا تومسىن توتىنھام ئۈچۈن نۇقتا توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 3-1 بولدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كارىن بىلەن سازىرى بىردىن توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 5-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. خازارد بىلەن تېررى چېلسىي كۇلۇبى ئۈچۈن ئىككى توپ قايتۇرۇۋالدى. بىراق ئاخىرىدا يەنىلا 3-5 نەتىجە بىلەن توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ ئايلانمىدىن كېيىن چېلسىي كۇلۇبى بىلەن مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ بارلىق سانلىق مەلۇماتلىرى ئوخشاش بۇلۇپ قالدى ( نۇمۇرى، ساپ يەڭگەن توپ سانى، ۋە كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى قاتارلىقلار.) چېلسىي كۇلۇبى پەقەت باش ھەرپى ئالاھىدىلىكى بىلەن نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بۇلۇپ تۇرماقتا.
【مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى 3-2 نەتىجە بىلەن خەتەرلىك ھالدا ساندىرلان كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. لامپارد يەنە بىر قېتىم كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 23 ئۆتكەندە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانى ئىتىقاد توپ مەيدانىدا ساندىرلان كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. يايا تۇرى يىراقتىن دولقۇنسىمان توپ كىرگۈزدى. يۇۋىدىك يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. ساندىرلان تېز سۈرئەتتە ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ قويدى. لامپارد كاللا توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئاخىرىدا مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 3-2 نەتىجە بىلەن ساندىرلان كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
【ئارسېنال كۇلۇبى 0-2 نەتىجىدە جەنۇبى ئامپىتۇن كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. ۋاراتار قارشى تەرەپكە ئىككى توپ سوۋغا قىلدى.】
ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى جەنۇبى ئامپىتۇن كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا ئارسېنال كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ ۋاراتارىنىڭ ئىككى قېتىملىق چوڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن قارشى تەرەپ ئىككى توپ كىرگۈزۈۋالدى. ئاخىرىدا ئارسېنال كۇلۇبى 0-2 نەتىجە بىلەن جەنۇبى ئامپىتۇن كۇلۇبىغا مەغلۇپ بولدى.
【لىۋىرپول كۇلۇبى 2-2 نەتىجە بىلەن لەيسىت شەھىرى كۇلۇبى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئىككى مىنۇت ئىچىدە ئىككى توپ كەتكۈزدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 23 ئۆتكەندە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا لەيسىت شەھىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا گېرراد نۇقتا توپ پۇرسىتى ئارقىلىق ئىككى توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا لەيسىت شەھىرى كۇلۇبى 100 سىكۇنت ئىچىدە ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈۋالدى. ئاخىرىدا لىۋىرپول كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-2 نەتىجە بىلەن لەيسىت كۇلۇبى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.
【مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى 1-1 نەتىجە بىلەن سىتوك شەھىرى كۇلۇبى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. فالكاۋ توپ كىرگۈزدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 20:45 ئۆتكەندە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى سىتوك شەھىرى كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. سىتوك شەھىرى كۇلۇبىدىن شاكىرو مۇسابىقە باشلىنىپلا بىر توپ كىرگۈزدى. فالكاۋ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي نەتىجە 1-1 بۇلۇپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved