كىنو تورى خەۋىرى لەلەك تورى تەرجىمىسى
1905 كىنو تورى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋىرى. گەرچە سىرۋىست سىتاللون ھازىر 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا ئېكران يۈزىدە تاماشىبىنلارغا كىنو خۇشاللىقى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ ھالەت يوللاپ كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىدىن ئۇچۇر بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ « كۇرد » ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ « بىرىنچى تامچە قان » نىڭ بەشىنچى بۆلۈمىنى ئىشلەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ فىلىمنىڭ ئىسمىنى « ئەڭ ئاخىرقى تامچە قان : رامبو » دەپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. « ئەڭ ئاخىرقى تامچە قان : رامبو » دىن كېيىن ئۇ بىر قارا جەمىيەت فىلىمى « سىكارپا » نى ئىشلەيدىكەن.
« ئەڭ ئاخىرقى تامچە قان : رامبو » نى « كۇرد » نىڭ كەينىدىن ئىشلەيدىكەن. سىتاللون رولىنى ئالغان « رامبو » تىنچ ئوكياننىڭ غەربى شىمال تەرىپىگە يۆتكىلىدۇ. ئۇ يەردە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بىر خىل مەخپىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. ھەم ھېچقانداق خاتالىق تۇيغۇسى بولمىغان بىئو خېمىيەلىك « ئادەم ئۆلتۈرۈش جەڭچىسى » نى ياساپ چىقىدۇ. رامبو بىلگەندىن كېيىن ھەر خىل ئاماللارنى ئويلاپ بۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش قواللىرىنى تۇتىدۇ ھەم يوقىتىدۇ. بۇ قېتىم رامبو قوغلاپ تۇتۇش ئوبىكتىدىن قوغلاپ تۇتقۇچىغا ئايلىنىدۇ. « ئەڭ ئاخىرقى تامچە قان : رامبو » نى سۈرەتكە ئېلىش پىلانى 2008-يىلىدىن باشلانغان يەنى سىتاللون « بىرىنچى تامچە قان » فىلىمىنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمىنى سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا. سىتاللون ئىلگىرى 2012-يىلى « ئەڭ ئاخىرقى تامچە قان : رامبو » فىلىمى « بىرىنچى تامچە قان » بۇ تۈردىكى فىلىمىنىڭ ئاخرىلىشىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ « بىر خىل شەرەپلىك ھەم رومانتىك ھالدا قەھرىمان ئوبرازى يالقۇنىنى ئۆچۈرىدىغان » لىقىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە تورداشلار تەرىپىدىن بۇ قىسمىدا رامبو ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار دەپ پەرەز قىلىنغان.
« سىپاركا » ناملىق بۇ فىلىمدە بىر جورج سىپاركا ئىسىملىق قارا جەمئىيەت كاتتىۋېشىنىڭ ھەقىقى كەچۈرمىشى سۆزلىنىدۇ. ئۇ ئاۋال 50 ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن يەنە FBI نىڭ يىپ ئۇچىغا ئايلىنىدۇ. ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
سىتاللون بۇ ئۈچ فىلىمنىڭ قاچان قۇيۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved