تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12-قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، كىمنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىشى يالغۇز تۈركىيەدىلا ئەمەس، خەلقئارا جەمىيەتتىمۇ قىزىق نوقتىغا ئايلىنىشقا باشلىغان ئىدى. ھەتتا تۈركىيەمۇ رۇسىيەگە ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىپ،ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئابدۇللا گۈل بىلەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆز ئارا ھۇقۇق ئالماشتۇرىشى مۇمكىن دىگەندەك پەرەزلەرمۇ قىلىنىپ كىلىۋاتقانىدى.
تۈركىيە تارىخىدىكى 11 نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنىڭ ئونى مەجلىستە پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بىرىش يولى بىلەن سايلانغان بولۇپ، بىرى خەلق تەرىپىدىن سايلانغان. بۇ قېتىم باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-نۆۋەتلىك تۈركىيە جۇمھۇرىتى زۇڭتۇڭىنى خەلق ئاۋاز بىرىش يولى بىلەن ئادىل سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى، ھەمدە ھەر بىر پارتىيەنىڭ بىردىن نامزات كۆرسىتىشىنى،بىر قانچە پارتىيە بىرلىشىپ ئورتاق نامزات كۆرسىتىشنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.
بۈگۈن تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى بىلەن ئىككىنچى ئۆكتىچى پارتىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى بىرلىكتە ئاخبارات ئىلان قىلىپ ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق نامزاتىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىلان قىلدى.
ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق نامزاتى پروفىسسور ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى بولۇپ، ئۇ 1943-يىلى قاھىرەدە تۇغۇلغان. ئىسلام كىڭىشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئۇ بىلىم تارىخى، تۈرك مەدىنىيتى، ئىسلام تارىخى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ مىسىردىكى ئايىن شەمىس ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئەزھەر ئۇنىۋرسىتىتىدە ئاكادىمىك بولۇپ ئىشلىگەن. 1974-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋىرسىتىتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىنى ئالغاندىن كىيىن ئەنگىلىيە ئىكىستىر ئۇنىۋرسىتىتىدا دوكتۇر ئاشتى ئۇنىۋانى ئالغان. 1984- يىلى پروفىسسور بولغان.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ نامزاتىنى ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نامزات بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى. ھازىرغىچە بۇ پارتىيەدىن ئورتاق نامزات ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلىنىڭ نامزاتلىقىغا ئائىت بايانات كەلىمىدى.
مەنبە: خەۋەر گىزىتى
تەرجىمە: لەگلەك تورى
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved