ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشىغا ئەگىشىپ، غەربتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغان ئەمەلدارلار ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ زور تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنى قوللايدىغانلار توردا «سىلەر بۈگۈن ئىراقنى بورمباردىمان قىلساڭلار، بىز ئەتە سىياتىلنى بومباردىمان قىلىمىز» دەپ داۋراڭ سالدى.
ھەر قانداق بىر دۆلەت چەتئەلدىكى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئۆز دۆلىتىگە سىڭىپ كىرگەن يەرلىكلەشكەن خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئۆز دۆلىتىدە پەيدا بولغان ئەسەبى تەشكىلات ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتى دېگەندەك يا ئۇنداق، يا بۇنداق تەھدىتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. 11-سېنتەبىر ۋەقەسى بازا تەشكىلاتى بىر قوللۇق پىلانلىغان خەلقئارا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى. ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى ۋە بىن لادىننى روھى داھى قىلغان بازا تەشكىلاتىنى ئەستايىدىل پەرىق ئېتىپ، ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق تەشكىلاتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىن لادىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنىڭ دۇنياغا تەھدىت سېلىش مۇمكىنچىلىكىنى باھالاشقا پايدىلىق.
ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسادقا قارشى قوراللىق تەشكىلات بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئاسادقا قارشى بىرلىك سېپىدىكى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ئتتىپاقدېشى ئىدى. ئەمما ئىراقتا، بۇ تەشكىلات شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە توپىلاڭچى ھېسابلاندى. بەزىلەر ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنىڭ ئىراقتا ئۇرۇش قوزغىشىنى ئىراقتىكى ئىككى چوڭ قارشىلىشىۋاتقان مەزھەپ ۋە سىياسىي كۈچنىڭ كۈرىشى شۇنداقلا بۇ ئىچكى ئۇرۇش، ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى يۇشۇرۇن تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىدىغان بازا تەشكىلاتى ئەمەس، دەپ قارىدى.
ئامېرىكا بىلەن ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا سۈرىيە ئامىلى بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىنى تەلتۈكۈس يوقىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمايدۇ. ئامېرىكا سۈننىي مەزھىپى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىنى زور كۆلەمدە يوقاتسا، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا 2011-يىلى قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەنە ئىراققا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئىراقتا ساقلىنىۋاتقان ئىنسانپەرپەرلىككە زىت ئاپەتكە قاراپ تۇرۇپ پىسەنت قىلمىسا، دۇندا ئالدىدا جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. ئامېركا ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نېفىت بايلىقى مول رايونلار ۋە كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تەھدىت پەيدا قىلغاندىلا، ئاندىن ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللاندى.
ئۇنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى بىر مەيدان دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي ئويۇن بولۇپ، پەقەت ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى سەل ئۆزىنى بېسىۋالسىلا، ئامېرىكا ھەرىكەت زور مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتى، دەپ جاكارلايدۇ.
بىر قەدەر مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى دەرھال ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تېزدىن كۆپەيتىۋەتمەيدۇ، بولۇپمۇ دەرھال 11-سىنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەت پىلانلىنىدىغان، تەربىيەلىنىدىغان ھۇجۇم پەيدا قىلمايدۇ. ئەمما بۇ يەنىلا پۈتۈنلەي بىخەتەر دىگەنلىك ئەمەس. ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەھشىلىك دەرىجىسى بازا تەشكىلاتىدىن ئېشىپ كەتتى.
ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سانسىزلىغان ئەگەشكۈچىلىرى بار. ئۇ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى سىڭىپ كىرىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتقا ئىگە. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى پەيدا قىلغان تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved