2015-يىللىق «شىنجاڭنى سۆيىمەن، يۇرتۇمنى ساياھەت قىلىمەن» قىش ۋە باھار پەسللىك ساياھەت باش تېما پائالىيتىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە ساياھەت رايونىدا شورپا سېلىش بايرىمى يېقىندا بۇغدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. مۆلچەرلىنىشچە، 2015-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن يىلدا 60 مىليون ساياھەتچى(ئادەم /قېتىم)نى كۈتۈۋالغان، چېگرىدىن چىققان ساياھەتچىلەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 50 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىشىدا ئۈمىد زور بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقىدىن %30 كۆپ ئىكەن، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن.
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ بىرى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى سىرتقا ئېچىشتا ئاكتىپلىق بىلەن چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
![]() |
ئامېرىكا Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان.
تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
|
![]() |
ئادىل غوجالىم
‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.
&...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved