رېيتر ئاگېنتلىقى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ھىندىستان خۇچىمىن شەھىرىدە سۈنئىي ھەمرا كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇپ، ۋېيتنامنى ھىندىستان سۈنئىي ھەمراسى قايتۇرغان سۈرەتلەرنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن ھەمدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو زېمىنىنى كۆزىتىدىكەن.
ھىندىستان مېدىيەلىرىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر تۈرنىڭ قىممىتى 23 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىكەن.
سۈنئىي ھەمرا كۆزىتىش پونكىتى ۋېيتنام چېگراسى ئىچىدە بولۇپ، ھىندىستاننىڭ مەزكۇر رايوننى كۆزىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ۋېيتنام بولسا ھىندىستاننىڭ بارلىق كۆزىتىش سۈنئىي ھەمرالىرى قايتۇرغان يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى سۈرەتلەرنى قوبۇل قىلالايدۇ.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراسى پۈتۈنلەي يېزا ئىگىلىك، ئىلىم-پەن ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق خەلق ئىشلىرى ساھەسىگە ئىشلىتىلىدىكەن. ئەمما ھازىرقى زامان كۆزىتىش سۈنئىي ھەمرالىرى ھەربىي ئاخباراتلارغا ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە يەر شارىدىكى ھەرخىل جىسىملارنى سۈرەتكە ئالالايدۇ، ئېنىقلىقى 1 مېتىرغا يېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، سۈنئىي ھەمرا ئەۋەتكەن سۈرەتلەرنى ھەربىي مەقسەتتە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ماجىراسى ۋېيتنامنى ئۆزىنىڭ ھەربىي ۋە رازۋېتكا تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشىغا مەجبۇر قىلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كۆزىتىدىغان نىشان ئاساسلىقى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى، دېڭىز قىرغىقى ساقچى قوغداش ئەترىتىنىڭ ھەرىكىتى ھەمدە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئاراللاردا قۇرۇلۇش قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار.
لېكىن جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دېيىشىچە، ۋېيتنام سۈنئىي ھەمرا كۆزىتىش پونكىتى ھەربىي ئەسلىھە ئەمەسكەن.
ھازىر ھىندىستاننىڭ 11 دانە يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراسى بار. ۋېيتنام 2013-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراسىنى قويۇپ بەرگەن، ئەمما سۈنئىي ھەمرانىڭ سۈزۈك سۈرەتلىرىنى قوبۇللاش ئەسلىھەسى كەمچىل ئىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved