X901 قېتىملىق تۇنجى تېز يۈك پويىزى 13-سېنتەبىر ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭنى ئايلىنىش تېز يۈك پويىزىنىڭ سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى. شۇ كۈندىن تارتىپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى مالنى ئازادە قوبۇل قىلىش رەسمىيىتى ئارقىلىق، پارچە مالنى تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ مال ئوبوروت بازىرىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىپ، شۇ كۈنى يەتكۈزۈش، كۈن ئاتلاپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قىلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پولات-تۆمۈر، نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئەشيالارنى توشۇش ئاساسىدا، پارچە مال بازىرىغا يۈزلىنىپ، مال ئىگىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن شىنجاڭنى ئايلىنىش تېز يۈك پويىزىنىڭ مۇساپىسىنى بېكىتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved