داڭلىق رېژىسسور ئالېجېندرو گونزالېز ئىناررىتۇنىڭ رېژىسسورلىقىدىكى «روھ قايتۇرغۇچى» فىلىمى 12 ئاۋاز بىلەن 88-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ئارتىس لېئوناردو دىكاپرىيومۇ مەزكۇر فىلىمدىكى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغان رولىغا تايىنىپ 5-قېتىم ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلدى. يېقىندا، ئۇ رول ئالماقچى بولغان فىلىمنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىدە زىيارەتنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھازىرقى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ رولىنى ئېلىش ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى.
لېئوناردو گېرمانىيە تاراتقۇسى «Welt am Sonntag» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ : «رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ رولىنى ئېلىش تولىمۇ تولىمۇ تولىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئىش، مېنىڭ ئۇنىڭ رولىنى ئېلىپ باققۇم بار، مېنىڭچە رۇسىيە تارىخىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ كىنولار ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك، چۈنكى بۇ كىنولارنىڭ ئىپادىلىگەن مەناسى شكسپر ئەسەرلىرىدىن قېلىشمايدۇ، بۇ ھەممە ئارتىس ئارزۇ قىلىدىغان رول...لېنىننىڭ رولىنى ئېلىشمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيەتكە ئىگە » دېدى.
لېئوناردو ئىلگىرى بىر قېتىملىق زىيارەت قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئۆزىنى «يېرىم رۇسىيەلىك» دەپ بىلدۈرگەنىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ رۇسىيە تارىخىغا بولغان قىزىقىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس. بولۇپمۇ 2010-يىلى ئۇ ئەينى چاغدا رۇسىيەنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پۇتىن بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولغان. ئەينى چاغدا ئۇ سانتپېتىربۇرگدىكى «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان سىبېرىيە يولۋىسى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۈچۈن گەرچە تۇنجى قېتىمدا ئۇ ئولتۇرغان ئايروپىلان نيۇ يوركتا جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە كۈچلۈك بوران تۈپەيلى خېلسىنكىدا جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ ئۈمىد ئۈزمەي يەنىلا ئۇزۇن مۇساپىسىنى بېسىپ يىغىنغا قاتناشقان. پۇتىن ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن لېئوناردونى «ئەركەك» دەپ مەدھىيلىگەن.
![]() |
ئامىر خان بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.
...
|
![]() |
1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved