شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20 – دېكابىر تېلېگراممىسى. شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھىتى ۋە سودا، يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارا باش تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىز ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى ئۈرۈمچىدىن ئۆتىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ چېگرادىن ئۆتىدىغانلاردىن 72 سائەتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللايدۇ.
مۇخبىرنىڭ 20 – دېكابىر پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ‹‹شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر›› نى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
‹‹پىكىر›› گە ئاساسەن، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن شەرقىي رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ ۋە كۆپەيتىپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا تۆۋەن تەننەرخلىق تىرانسپورت تىجارىتى تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا شۆبە شىركەت قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تارماق لىنىيە ئايروپىلان ئەترەتلىرىنى كېڭەيتىپ، كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانلاردىن پايدىلىنىپ، قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى پىلانىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
‹‹پىكىر›› دە دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق رايونلارغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ چېگرادىن ئۆتىدىغانلاردىن 72 سائەتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللاپ، ئۈرۈمچى باش تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىلدى . ‹‹پىكىر››گە ئاساسەن، قەشقەر، غۇلجا ئايروپورت قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ نۇقتىلىق شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ.
ھازىر شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جەمئىي 16 تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى، تۆت بازا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، يەتتە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە 15 مۇلازىمەت كاپالىتى ئورنى بولۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جەمئىي 46 ئاۋىياتسىيە شىركىتى 184 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تىرانسپورت تىجارىتى قىلىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى 57 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەر ۋە خەلقئارادىكى 24 شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئايرودۇرۇم ئەڭ كۆپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھېسابلىنىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2010 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يولۇچىلار مىقدارى، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان مال مىقدارى ۋە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش – قونۇش قېتىم سانى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلى يۇقىرى بولغان. بۇ يىل 1 – ئايدىن 11 – ئايغىچە شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى 238 مىڭ ئايروپىلان (قېتىم) ئۇچۇش – قونۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5، 20 مىليون 123 مىڭ يولۇچى توشۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8، پوچتا ئارقىلىق 163 مىڭ توننا مال توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشقان.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved