بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بولۇپ،ئومومىي ئابۇنىتى 700مىلىيۇنغا يېتىدۇ.جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 2011-يىللىق ساپ پايدىسى 125مىلىيارد 900مىليۇن يۈەن بولغان ئىدى،ئۆتكەن ساپ پايدىسى 129مىلىيارد 300مىليۇن يۈەن بولۇپ ،ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىغا قارىغاندا 2.7%ئاشقان،بىراق ساپ پايدىنىڭ ئېشىش نىسپىتى 20110يىلىدىكى 5.2% گە قارىغاندا تۆۋەنلەپ كەتكەن.
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ دىتال بازىرىنى ئىشلەتكۈچى ئابۇنىت 1مىلىيۇن570مىڭ ئادەمگە يېتىدۇ،ئۆتكەن يىلى چۈشۈرلۈش قىتىم سانى 2مىليارد قىتىمغا يەتتى.جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى دىتاللار جەھەتتە ئاۋازلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرىقلەندۈرۈش دىتالى قاتارلىقلارنى تارقىتىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يانفۇندا ھەق تۆلەش سۇپىسىنى تىخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ئابۇنىتلارغا تېخىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىشكە تىرىشىدىكەن.
ئالما جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى ،نۆۋەتتە جۇڭگودا جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ۋە جۇڭگو تىلگىرافىمۇ ئالما يانفۇنلىرىنى ساتىدىغان چوڭ شىركەتلەر ھىساپلىنىدۇ،جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بۇ شىركەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ،شۇڭا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى يەنىلا باشلامچى ئورۇننى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 4Gتورى مۇلازىمىتىنى تېز سۈرئەتتە يولغا قويۇش شۇنداقلا G3تورىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ،ئەگەر بۇ تور مۇلازىمىتى يولغا قويۇلسا،پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كۆچمە خەۋەرلىشىش سودىگەرلىرى ئىشلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.4G TD-LTEتورى بەلكىم مۇشۇ يىلنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا يولغا قويۇلىشى مۇمكىن ئىكەن،ھازىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئاساسى ئۈسكۈنە قۇرۇلىشىنى ئىلىپ بىرىۋىتىپتۇ.
تور مۇلازىمىتى جەھەتتە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ دىتال بازىرىنى ئىشلەتكۈچى ئابۇنىت 1مىلىيۇن570مىڭ ئادەمگە يېتىدۇ،ئۆتكەن يىلى چۈشۈرلۈش قىتىم سانى 2مىليارد قىتىمغا يەتتى.جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى دىتاللار جەھەتتە ئاۋازلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرىقلەندۈرۈش دىتالى قاتارلىقلارنى تارقىتىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يانفۇندا ھەق تۆلەش سۇپىسىنى تىخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ئابۇنىتلارغا تېخىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىشكە تىرىشىدىكەن.
تەھلىلچىلەر ،جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بۇيىل 4G TD-LTEتورىنى يولغا قويۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا شىركەتنىڭ 2013-يىللىق ئېرىشىدىغان ساپ پايدىسى يەنە تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved