ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ سۈرەتلەرنى 3Dسۈرەت قىلىپ ياساپ چىقىدۇ. قارىماققا بۇ خىزمەت ناھايىتى قالتىستەك ئاڭلانسىمۇ، تاپىدىغان پۇل خېلى كۆپ بولسىمۇ لېكىن ۋىكتور بىر كۈنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ مەنىسىز بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلغان، چۈنكى يەر شارىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ۋىكتور خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ نۇرغۇنلىغان ھېرىسمەن ياشلارغا ئوخشاش بىر قېتىملىق «ماڭىمەن دەپلا ماڭىدىغان ساياھەت»نى باشلىغان. بۇ يەتتە يىل جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن قۇرۇلۇشنى كۆرگەن، كۆزەتكەن ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يەنىلا ئارخېكتورلۇق ساھەسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۈنىرىنى قايتا قولغا ئالغان لېكىن بۇ قېتىم ئۇ خېرىدارلارغا زاكاس قۇرۇلۇشلارنى لايىھىلەپ بەرمىگەن بەلكى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمىغان قۇرۇلۇش لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ۋە ئۆزىنىڭ بىلىمى، كۆرگەن بىلگەنلىرىگە ئاساسەن 30 يىلدىن كېينكى قۇرۇلۇش ئىمارەتلەرنىڭ تاشقى كۆرنۈشىنى مۆلچەرلەپ سىزىپ چىققان.
ئەمەلىيەتتە 30 يىل دېگەن مۇنداقلا دەپ قويۇلغان گەپ، كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىمارەتلەرنى ياسىيالايدىغان بولۇشىغا ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، لېكىن قانچىلىك ۋاقىت كەتسۇن، ۋىكتور ئىنسانلارنىڭ چوقۇم بۇنداق ئىمارەتلەردە ياشىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
![]() |
دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved