لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يىقىنقى نەچچە ھەپتىدىن بويان جەنۇبىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېقىش زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يەنە داۋاملاشماقتا.جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرى ماشابانى 17-ئاپرېل مەمۇرىي پايتەخت پېرېتورىيەدە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى جىددىي چاقىرتىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېقىش زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى توسۇشتا قوللانغان تەدبىرلىرىنى ئۇقتۇردى ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ چەتئەللىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماشابانى مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، چەتئەللىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا تەۋەسىدە يۈز بېرىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ چەتئەللىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
جەنۇبىي ئافرىقا ساقچى تەرەپنىڭ 17-ئاپرېل تەمىنلگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۈچ ھەپتىدىن بويان يۈز بەرگەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېقىش زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 6 ئادەم ئۆلۈپ نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان. نەچچە يۈز چەتئەللىكلەرنىڭ دوكانلىرى چىقىلغان،كۆيدۈرۈلگەن ۋە بولانغان. نەچچە مىڭ چەتئەللىك سەرگەردان بولغان.
ماشابانى مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى سەرگەردان بولغان چەتئەللىكلەرگە تورالغۇ جاي ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلەرنى تەمىنلەپ بەردى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، « ئۈزلۈكسىز ھەم مەڭگۈلۈك بولغان ھەل قىلىش ئەندىزىسى» نى تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved