ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرى ئىنگىلىسچە ئاتىلىشى Auschwitz Concentration Campگىرمانچە ئاتىلىشى Konzentrationslager Auschwitz-Birkenauبۇ ناتسىسلار گىرمانىيىسى قۇرغان ئەمگەك مەيدانى ھەم ھاياتلىق ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئورۇننىڭ بىرسى .ئۇنىڭ يەنە بىر ئېسمى ئۇلۇم زاۋۇتى .ئۇ Krakowناھىيسىنىڭ غەربى جەنۇپ 60كىلومىتىر دائىرسىدە يەنى پولشانىڭ كىچىك شەھرىئوسۋېتىسىم،ھازىر موزىي ۋە خاتىرە ئورنى قىلىنغان .
ئوسۋېتىسىم بولسا پولشانىڭ جەنۇبىدىكى بىر كىچىك شەھەر ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ناتسىت گىرمانىيىسى بۇ يەرگە ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش ئئورنى قۇرغان بۇلۇپ بۇ كىچىك بازارنىڭ شۇنىڭ بىلەن دۇنياغا داڭقى چىقىپ كەتكەن .ئەينى ۋاقىتتا ناتسېت گىرمانىيسى ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرنى باشقۇرۇش ئېدارىسى كونتۇرۇل قىلدىغان رايۇن بۇلۇپ دائېرسى 40 كۇۋادىرات كىلومېتىر .بۇ يىغۋېلىش ئورنىنىڭ ئېچىدە 3ئاساسلىق يىغۋىلىش ئورنى ۋە 39 كىچىك تىپتىكى يىغۋېلىش ئورنى بار .ئاساسلىقى پولشانىڭ جەنۇبىدىكى سېلسىيە رايۇنىدا .يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ ئېچى ئېگىز تاملار بىلەن تۇت ئەتراپى توكلۇق تور تارتىغلىق شۇنداقلا يەنە پوستا تۇرغان ئەسكەرلەرمۇ بار .
بۇ يەردا دارغا ئېسىپ ئۆلتۇرۇش مەيدانى .گاز بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۇرۇش ئۇيى .كۇيدۇرۇش ئۇيى قاتارلىقلار بار .ئوسۋېتىسىم1-نۇمۇر ئوسۋېتىسىم2-نۇمۇر ئوسۋېتىسىم3-نۇمۇردىن تەركىپ تاپقان، بۇ گىتلىرنىڭ مىللى قىرغىنچىلىق قىلدىغان ئاساسلىق ئورنى .ئۇرۇشتىن كىيىنكى خەلىقئارالىق ھەبىي سوتتا بۇ يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ باشلىقى لوداففۇ خۇسنىڭ ئېقرار قىلىشىچە 3مىليۇن ئادەم بۇ يىغىۋېلىش ئورنىدا ئۆلتۇرۇلگەن ،بۇ يىغىۋېلىش ئورنىغا ئەنگىلىيە.سۇۋېت .پولشا .فىرانسىيە ،ئاۋېستىريە ،ۋېنگىريە ،گوللاندىيە ،بىلگىيە ،ئېتالىيە ،ئېسپانىيە ،جوڭگۇ قاتارلىق 30نەچچە دۆلەتتىكى يەھۇدى ۋە سىگانلار، ئۇرۇش ئەسىرلىرى ، ئۇقۇغانلار ،ۋە قارشىلىق كۆرسەتكۇچى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ،شۇنداقلا يەنە ھەم جىنىسداشلارنى ئۆز ئېچگە ئالىدۇ .بۇ لار ئاساسلىقى زەھەرلىك گاز بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۇرۇلگەن .جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى .
ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرى بولسا 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 27كۇنى گىرمانىيە پارتىيە قوغداش ئارمىيسىنىڭ گىنرالىHeinrich Luitpold Himmlerنىڭ بۇيرىقى بىلەن قۇرۇلغان .يىغۋېلىش ئورنىڭ ئاساسلىق 3باشقۇرغۇچىسى بۇلۇپ ئۇلار1900-يىلى11-ئاينىڭ 25كۇنى تۇغۇلغان Rudolf Franz Ferdinand Hoess .ئۇ 1947-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۇنى ئۆلگەن .يېغۋېلىش ئورنىدا خىزمەت ئۇتىگەن ۋاقتى 1940-5-ئاينىڭ 4-كۇنىدىن 1943-يىلى11-ئايغىچە .يەنە بىرسى Arthur Liebehenschelبۇلۇپ ئۇ 1901-يىلى 11-ئاينىڭ 25كۇنى تۇغۇلۇپ 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 28كۇنى ئۆلگەن .
يېغۋېلىش ئورنىدا خىزمەت ئۇتىگەن ۋاقتى 1943-يىلى 11-ئايدىن 1944-يىلى 5-ئايغىچە .Rid Baerبولسا 1911-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۇنى تۇغۇلۇپ 1963-يىلى 6-ئاينىڭ 17كۇنى ئۆلگەن ،يېغۋېلىش ئورنىدا خىزمەت ئۇتىگەن ۋاقتى 1944-يىلدىن 1945-يىلغىچە . Rudolf Franz Ferdinand Hoess بىلەن Arthur Liebehenschel ئايرىم -ئايرىم ھالدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۇرۇش جازاسى بىرىلگەن .ئوسۋېتىسىم1-نۇمۇر بولسا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان جازا لاگىرى بۇلۇش بىلەن پۇتكۇل ئوسۋېتىسىم لاگىرنىڭ باشقۇرۇش مەركىزى بولغان .بۇ يەردە تەخمىنەن 70مىڭ پولشالىق بىلىملىكلەر ،قارشلىق كۆورستىش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى .ۋە ھەم جىنىسداشلار ،سۇۋېت ئېتىپاقىنىڭ ئەسىرگە چۇشكەن ئەسكەرلىرى قاتارلىقلار ئۆلتۇرۇلگەن .ئوسۋېتىسىم2-نۇمۇر بولسا ئاساسلقى زەھەرلىك گاز بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۇردىغان ئورۇن بۇلۇپ بۇ يەردە 96مىڭ يەھۇدى ،75مىڭ پولشالىق ،19000مىڭ سىگان زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان .
ئوسۋېتىسىم3-نۇمۇر بولسا ئاساسلىق لاگىر ۋە 39 كىچىك لاگىردىن تەركىپ تاپقان ئەمگەك مەيدانى بۇلۇپ بۇ ئورۇننىڭ ئېشلىتىش ھۇقۇقى گىرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ خىمىيە زاۋۇتى I·Gشېركىتى .تەخمىنەن 11,000مىڭ ئادەم بۇ يەردە ئەمگەك قىلغان ،بۇ يەردە ئەمگەك قىلىش ئېقدىدارىدىن قالغانلار ئۇدۇل زەھەرلىك گاز ئۆيىگە ئاپىرلىپ ئۆلتۇرلىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved