ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو 25-يانۋار ئاشكارا مۇنداق دېدى: تۈزۈلمەكچى بولغان 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا 70 يىل بولغان پەيتتىكى ئابىشىنزو سۆھبىتى مۇراياما سۆھبىتىدىكى مۇستەملىك ھۆكۈمرانلىق ، تاجاۋۇزچىلىق قىلىش، ئەپۇ سوراش قاتارلىق سۆزلەرنى ئۆز پېتىچە قوللانمايدۇ؛ ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تارىخ ۋە ياپونىيىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئويلىنىشى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن ئابىشىنزو مۇراياما سۆھبىتىگە ئومۇميۈزلۈك ۋارىسلىق قىلىشنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇراياما سۆھبىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن تارىخ ئۈستىدە ئويلىنىش روھى ۋە ئەپۇ سوراش سەمىمىيىتىدىن ۋاز كەچمەكچى.
1995-يىلى 15-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان مۇراياما سۆھبىتى ياپونىيىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش ۋەزىرى مۇرايامانىڭ سۆھبىتى ئەمەس، بەلكى بۇ مۇراياما كابىنېتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا 50 يىل بولغان پەيتىدىكى مۇھىم يەكۈنى. ئۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش تارىخىنى يەكۈنلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سۆھبەتتە گەۋدىلەنگەن تارىخ ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە پۇشايمان قىلىش روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئۇ ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر بىلەن يارىشىشىنىڭ ئۇل تېشى.
مۇراياما سۆھبىتىدىكى يادرولۇق بايان ئۆتكەن بىر مەزگىلدىكى مۇستەملىك ھۆكۈمرانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق تارىخ ئۈستىدە ھەقىقىي ئويلىنىش ۋە ئەپۇ سوراشتىن ئىبارەت. مۇراياما كابىنېتى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى، پېشۋالار يېڭى پارتىيىسى قاتارلىق سىياسىي ئىدىيىسى ئوخشاش بولمىغان پارتىيىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇراياما سۆھبىتىگە كابىنېت ئەمەلدارلىرى بىردەك قوشۇلغان ئىدى، شۇڭا بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ تارىخ مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشى دەپ قارالدى. ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش مەسىلىسىدە يۇنىچىرو كىزومى جاھىللىق قىلدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا 60 يىل بولغان پەيتتە يۇنىچىرو كىزومى سۆھبىتىدىمۇ مۇراياما سۆھبىتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئۆز پېتىچە قوللاندى. ئابىشىنزو دەۋر ئېقىمىغا زىت ئىش قىلدى.
بۇنىڭدىن مۇراياما سۆھبىتىنىڭ يادرولۇق بايانىدىن ۋاز كېچىلسە ئابىشىنزو سۆھبىتى مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ياغلىما سۆز بولۇپ، ياپونىيىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا شەكىللەنگەن تارىخى ئورتاق تونۇشىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغانلىق. بۇ ياپونىيىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت ، زىيانغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن يارىشىش ئاساسىغا قايتىپ كېلىشىدە تەۋرەنگەنلىكىنى ھەمدە ياپونىيە ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئابىشىنزو ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ توغرا مەيدانى ۋە ئاشكارا ۋەدىسىنى ئۆز خالىغانچە بۇرمىلىسا ۋە ئىنكار قىلسا، خەلقئارا جەمئىيەت كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە قانداق ئىشىنىدۇ؟
ئابىشىنزو مۇنداق دېدى: 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا 70 يىل بولغاندىكى سۆھبەتتە ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەكىتلىنىدۇ. ياپونىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى رايون ۋە دۇنياغا قانداق ئىجابىي تۆھپە قوشۇشى گەۋدىلەندۈرىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ۋە تۆھپە تەكىتلەنسە، ئابىشىنزو 15- ئاۋغۇستتىن باشقا ھەر قانداق كۈندە سۆھبەت ئېلان قىلسا بولىدۇ.
ئابىشىنزو تەختكە چىققاندىن بۇيان، تارىخىي مەسىلىلەردە خاتا قاراشتا بولۇپ كەلدى. ئالدى بىلەن تاجاۋۇزچىلىق ئېنىقلىمىسىدىن ۋاز كەچتى. ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغا ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى. ئابىشىنزو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرمۇ ئۆسەك سۆزلەرنى قىلىپ، ياپونىيە جەمئىيىتىنى ئوڭچىللاشتۇرۇش ۋە تارىخنى بۇرمىلاش دولقۇنىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئابشىنزو مۇراياما سۆھبىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇردى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئابىشىنزو مۇراياما سۆھبىتى قاتارلىق ياپونىيەنىڭ ئىلگىرىكى كابىنېتلىرىنىڭ تارىخنى تونۇشتىكى مەيدانىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردى. بىراق 20 كۈن بولمايلا سۆزىدىن يېنىۋالدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە كىشىلەر ئابىشىنزونىڭ جاھىللىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرمەسلىكىنى، ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق تىنچ تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ياپونىيە ۋە دۇنيانىڭ بەختى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved