ساخاۋەتچى باي ئاكۇرا NSX مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى 8 مىليون يۈەنگە سېتىۋالدى
2017 نۇسخىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئاكۇرا NSX شەنبە كۈنى كەچتە 1.20 مىليون دوللار باھادا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى.
بۇ ۋاكالەت نومۇرى 001 بولغان ماشىنا تىپىنىڭ ئەمەلى سېتىش باھاسى 160 مىڭ دوللار ئەتىراپىدا، شەنبە كۈنى كەچتىكى كىمئارتۇق قىلىپ ئېرىشكەن 1.20 مىليون دوللارنىڭ ھەممىسى بالىلار ئۆسمە كېسەللىرى فوندىغا ئىئانە قىلىنىدۇ.
بۇ NSX نى سېتىۋالغىنى NASCAR ماشىنا ئەتىرىتىنىڭ خوجايىنى، ئۇنىڭ بۇ تۇنجى نۇسخا ماشىنا تىپىنى سېتىۋېلىش خەيرى ساخاۋەت ئىشىدا ئالاھىدە قىزىقىش باردەك قىلىدۇ، ئىلگىرى 1 مىليون دوللار خەجلەپ تۇنجى يۈرۈش 2015 نۇسخىسىدىكى كورۋېت Z06، تۇنجى يۈرۈش 2014 نۇسخىسىدىكى Z06 نى 1.10 مىليون دوللار خەجلەپ سېتىۋالغان، 250 مىڭ دوللار خەجلەپ تۇنجى يۈرۈش 2012 نۇسخىسىدىكى كامارو ZL1 نى سېتىۋالغان، يەنە 700 مىڭ دوللار خەجلەپ ب م ۋ M5 نى سېتىۋالغان، بۇ 2017NSX غا ئوخشاش، بارلىق پۇلنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان.
ئەلۋەتتە ناۋادا بۇ NSX غا بارلىق ئەسلى زاۋۇت زاپچىسىنى سەپلەشنى تاللىسا تەخمىنەن 210 مىڭ دوللار سەرپ قىلىدۇ.
بۇ 160 مىڭ دوللارلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ قۇۋىتى 573 ئات كۈچى، يۈز كىلومېتىر\\سائەتكە تېزلىنىشقا 3 سىكۇنىت كېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 307 كىلومېتىر\\سائەتكە يېتىدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved