2014-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى مىچىل جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىر قانچە بىرىنچى خانىملار جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. ئەمدى تارىختا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا بىرىنچى خانىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
1972-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە خانىمىنى ئېلىپ سەددىچىن سېپىلىنى زىيارەت قىلدى.
1972-يىلى نىكسون خانىم جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، بىر مەكتەپ دەرسخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دەرس ئاڭلىدى.
1972-يىلى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسوننىڭ خانىمى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە بېيجىڭدىكى ئاشخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
1972-يىلى، نىكوسون خانىم جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئاغرىپ قالغان بالىلارنى كۆردى.
1972-يىلى، نىكسون خانىم جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە چوشقىغا يېمەكلىك بەردى.
1972-يىلى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە خانىمىنى بىرگە ئېلىپ خەلق كوممۇنىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
1972-يىلى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە خانىمى بىلەن بىرگە مۈشۈكئېيىق كۆرگىلى باردى.
1972-يىلى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكوسون جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە خانىمىنى بىرگە ئېلىپ گۇگۇڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
1975-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى فورد جۇڭگونى زىيارەت قىلدى، بىرىنچى خانىم بېتتى بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەندى.
1975-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى فورد جۇڭگونى زىيارەت قىلدى، بىرىنچى خانىم بېتتى فورد بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
1984-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى رېگان خانىمى نەنسى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنى زىيارەت قىلدى.
1984-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو شىئەن. رېگان خانىم خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنى سوراۋاتىدۇ
1989-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوش ئەر-ئايال تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى كىشىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ ھۆرمەت بىلدۈرىۋاتىدۇ.
1989-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ ۋاڭ ھەرىمى، ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى باربارا چايچى قىز بىلەن بىرگە ئولتۇردى
1995-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى ھىلارى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭدا ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار يىغىنىغا قاتناشتى.
1998-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو شىئەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون بىلەن خانىمى ھىلارى باشلانغۇچ مەكتەپنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلار سوۋغا قىلغان گۈلنى تاپشۇرىۋالدى.
1998-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو شىئەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون، خانىمى ھىلارى ۋە قىزى لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
1998-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون، بىرىنچى خانىم ھىلارى ۋە قىزى گۇگۇڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
1998-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون، بىرىنچى خانىم ھىلارى ۋە قىزى سەددىچىن سېپىلىغا چىقتى.
1998-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو شاڭخەي. ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى ھىلارى بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى بىمارلارنى يوقلىدى
1998-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى گۈيلىن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون، بىرىنچى خانىم ھىلارى ۋە قىزى بىرلىكتە لىجياڭنى ساياھەت قىلدى
2002-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىچىك بۇش بىلەن خانىمى لائۇرا سەددىچىن سېپىلىنى زىيارەت قىلدى
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ. ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى لائۇرا شىسەنلىڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىچىك بوش بىلەن خانىمى لائۇرا مىسسانى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن چېركاۋ ئەزالىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېيجىڭ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان بىرىنچى خانىم لائۇرا قىزى بىلەن بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيەدە بولدى
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved