گۇگېل شىركىتى، مىكرو سوفت شىركىتى، ئالما شىركىتى، ياخۇ شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تېخنىكا شىركەتلىرى ئابونتلار ئۈچۈن قولايلىق بولغان بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، ئەمما ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى باشلامچى ئامازونمۇ بۇ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمىدى. بۈگۈن مەزكۇر شىركەت يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىشنى-قارا ئازنە كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 5 دوللارلىق باھا بىلەن چەكسىز مىقداردىكى توردا سانلىق مەلۇمات ساقلاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. مىكرو سوفت قوللاشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان OneDrive ئابونتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ بىر ئالاھىدە خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىكرو سوفت شىركىتى Office 365 ئابونتلىرى ئۈچۈن چەكسىز مىقداردىكى توردا ساقلاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان ئىدى، ئەمما يېقىندا بۇ چەكسىز قىممەتنى قىسقارتىپ 1TB لىق سىغىمغا چۈشۈرۈپ قويدى، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا بىر قىسىم ئابونتلار بۇلۇت ساقلاش سېستىمىسىغا زىيادە بېسىم پەيدا قىلدى، مەسىلەن بىر قانچە كومپىيۇتېردىكى بارلىق ماتېرىياللارنى ساقلاش، كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى تولۇق ساقلاش قاتارلىقلار، ھەتتا بەزى ئابونتلار ساقلىغان ماتېرىياللارنىڭ سىغىمى 75TB دىن ئېشىپ كەتتى. Google Drive بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتى تىزىملاتقان ئابونتلارنى چەكسىز مىقداردىكى ساقلاش بوشلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما ئادەتتىكى ئابونلار ئەڭ چوڭ بولغاندا 15GB لىق ھاقسىز بوشلۇقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەگەر سىزمۇ ئەرزان ھەم چوڭ سىغىملىق تور ساقلاش بوشلۇقىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئامازون تەمىنلىگەن مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ، چۈنكى بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇلازىمەت باھاسى ئەسلىدىكى بىر يىللىق ئىشلىتىش ھەققى 60 دوللارغا چىقىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved