تارىختىن قارىغاندا ئامېرىكا ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە دۆلىتى .دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان كۆچمەنلەر ئۇنى قۇرۇشقا قاتناشقان ،شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىغا جايلاشقان بۇ دۆلەتنىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك قوشنىلىرى يوق بۇلۇپ ،ئىزچىل ھالدا ئەركىن رىقابەت ۋە پۇرسەتتە باراۋەر بولۇشنى قۇۋۋەتلەپ كەلگەن .
لېكىن يەنە ئاساسلىقى ياۋروپا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىنگىلىز تىلى دۆلىتى ، ئۇ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تېز سۈرەتتە باش كۆتۈرۈپ ،شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە يەر شارىدىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى .ھەمدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەربىي يېرىم شارنىڭ زومىگىرىدىن دۇنيا زومىگىرى بولۇشقا قاراپ ماڭدى .
گەرچە ئامېرىكا ادۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ لېكىن دۇنيا زومىگەرلىكىنى ئورنىتىش بۇنىڭ بىلەنلا ۋۇجۇتقا چىقىپ قالماسلىقى تۇرغانلا گەپ ئىدى . چۈنكى 18-ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيە تەدىرىجىي ھالدا كۈن پاتماس ئىمپېرىيىگە ئايلىنىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زومىگەرلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى .
ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا دۇنيا ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان پۇرسەت ئىزدەپ كەلدى .1898-يىلىدىكى ئامېرىكا -ئىسپانىيە ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن مۇھىم تىرىشچانلىقىدۇر .ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈشى بىلەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك ،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ،ئۇ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى .
ھالبۇكى ئۇنىڭ چەتئەللەردە ئىگىلىگەن مۇستەملىكلىرى چەكلىك بۇلۇپ ،بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە ،فرانسىيە ،ھەتتا كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان گىرمانىيىنىڭمۇ كەينىدە تۇراتتى .ئەلۋەتتە بۇ ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى كۈچى بىلەن ماس كەلمەيتتى .ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى بازار ۋە بايلىق مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق ئىدى ،ئامېرىكا ئامېرىكا -ئىسپانىيە ئۇرۇشىنى قوزغاش ئارقىلىق ئىسپانىيىنىڭ بىر قىسىم مۇستەملىكلىرىنى ئۆز دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋالدى .شۈبھىسىزكى ،بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
گەرچە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ تەسىر كۈچكە ئۆز دۆلەتكە ئايلىنىش يولىدا ئىزچىل تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ ،لېكىن دۆلەت ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن . خەلققە قارىتا ئىنتايىن كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بولغان يىگانىپەرەسلىك ئىدىيىسى ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە قەدىمىنى توسۇپ تۇراتتى .يىگانىپەرەسلىك ئىدىيىسىنىڭ ئامېرىكىدا چوڭقۇر تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بار
.
ئامېرىكا شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىغا جايلاشقان .چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئۆز ئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان بۇ دۆلەت 1789-يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن بۇلۇپ ،بېسىپ ئۆتكەن تارىخى مۇساپىسى ئىنتايىن قىسقا .دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئەمەلىي كۈچى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاساسلىق كۈچلۈك دۆلەتلەردىن كۆپ ئاجىز .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگىلىيىنىڭ تەھدىت ھېلىھەم مەۋجۇت ئىدى . ئەنگلىيە گەرچە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن يەنىلا ئامېرىكىدىن ‹مېھرى ›نى ئۈزەلمىگەن بۇلۇپ ،ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يېڭى باشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆزلەپ كېلىۋاتاتتى ،ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى بۇنىڭ مىسالىدۇر .بۇنداق مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مۇھىت يىگانىپەرەسلىك ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇنبەت تۇپراق ھازىرلىغان .1979-يىلى ‹ئا ق ش ئاتىسى ›ۋاشىنگىتون ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا بىر قېتىملىق خوشلىشىش تەقدىم نۇتىقى سۆزلىدى .
سۆزىدە ئۇ تەكىتلەپ ،بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىتتىپاقدىشى بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك دېدى .ئۇ ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكىلەرنى ياۋروپانىڭ قالايمىقانچىلىقىغا ئارلاشماسلىققا ،ياۋروپانىڭ ئىشلىرىغا قارىتا بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى .ئۇنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى كېيىنكى ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسەت تۈزۈشتە مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلىپ ،ئامېرىكىنىڭ يىگانىپەرەسلىك خاھىشىنى كۈچەيتتى ،ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا دۇنيا تارىخىدا مىسلىسىز زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقەلەر يۈز بەردى .مەسلەن فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتى قۇردى .بۇ جۇمھۇرىيەت ناھايىتى تېزلا ناپولېئون ئېمپىرىيسى بىلەن ئالماشتى .
ھەمدە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىغا كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىپ ،نۇرغۇنلىغان زور كۆلەملىك ئۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .لېكىن ئامېرىكا بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھېچقانداق ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى ،بەلكى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭدى .1815-يىلىدىكى ۋىنا يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ياۋروپا كۈچلۈكلەر ئەندىزىسىدە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى .يەنە شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى ۋىنا سېسىتىمىسى شەكىللەندى .لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭ بىلەن قىلچىلىك كارى بولمىدى ،مۇشۇ بىر نۇقتىدىلا يىگانىپەرەسلىك ئىدىيىسىنىڭ ئامېرىكىدا قانچىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش ئانچە تەس بولمىسا كېرەك .
تارىخنىڭ چاقى ھەمىشە ئالدىغا چۆرگىلەيدۇ .ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ .ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئامېرىكا بۇ خىل خاھىشىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى .چۈنكى مىللىي ئىگىلىك تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە يەنە داۋاملىق يىگانىپەرەسلىكتە چىڭ تۇرىدىغان بولسا تەرەققىيات چوقۇم توسالغۇغا ئۇچرايدۇ .كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا بازار ۋە بايلىق مەنبەسى ئاچقۇچتۇر .يىگانىپەرەسلىك ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىشىنى چەكلەپ ،بازارنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇپ قويدى .شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا يىگانىپەرەسلىكنىڭ كىشىنىدىن قۇتۇلدىغان يولنى ئىزدەشكە كىرىشتى .
1914-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سارايېۋو ۋەقەسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .بۇ زور ۋەقە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمىدى .ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئۇ ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ئەنزىسىدىن چىقىش قىلىپ ،بىتەرەپلىكنى ساقلىدى ۋە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ بىلەن قورال -ياراغ سودىسى قىلدى ھەمدە ئۇلارغا كۆپ مىقداردا قەرز پۇل بەردى .
لېكىن ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ بىتەرەپلىك مەيدانىدىن ۋاز كېچىپ ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشتى .ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى توغرىسىدا كىشىلەردە ھەر خىل كۆز قاراشلار بار .لېكىن قانداق سەۋەپ بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئالدى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكى شۇكى ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك بولغان خەلقئارا ئىشلارغا ئارلىشىش ۋە يىگانىپەرەسلىكتىن قۇتۇلۇش ئىستىكى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر .
ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقاندىن كېيىن ،ئۇرۇش ناھايىتى تېزلا ئاخىرلاشتى ھەمدە غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلاندى .زۇڭتۇڭ ۋېلسۇن پارىژ سۈلھى كېڭىشىگە قاتناشتى .تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى بۇ تارىختىن بۇيان ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىشى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ .ئامېرىكا بۇ كېڭەشتە ئادەتتىكى سالاھىيەت بىلەن ئەمەس بەلكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد .لوئىد .گىئورگى فرانسىيە زۇڭلىسى كىلمنسولار بىلەن بىرلىكتە ئۈچ چوڭ كاتتا باش سۈپىتىدە قاتناشتى .يىغىندا ئۇ بىرلىككە كەلگەن خەلقئاراۋى تەشكىلات -خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى ،ئۇنىڭ غەرىزى بۇ تەشكىلات ئارقىلىق ،ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ،ئامېرىكىنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ھاكىم بېگىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى .
ئۇنىڭ ئويى ئىشقا ئاشمىدى .بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئەنگلىيە -فرانسىيە گۇرۇھى گەرچە ئۇرۇشتا ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن دۇنيا زومىگەرلىكىنى ئامېرىكا تارتقۇزۇپ قويغۇدەك دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكىنى يوق ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ۋېلسۇن تەخىرسىزلىك ئىلكىدە قايتىپ كەتتى .ئامېرىكىمۇ ئۇرۇشتىن ئاۋالقى يىگانە ھالىتىگە قايتتى ،لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ كېچە كۈندۈز ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ كونا ئارمىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا ،ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ .
بۇ قېتىملىق يىغىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ ئەنگلىيە ،فرانسىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى .بۇ ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە ،فىرانسىيە قاتارلىق كونا ماركىلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ يىگانىپەرەسلىكتىن قۇتۇلۇش يولىدا تاشلىغان چوڭ بىر قەدىمى .ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى رولى ۋە تەسىرىدىمۇ زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلۈش بولدى ھەمدە دۇنياۋى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنى روشەن گەۋدىلەندى .
لەگلەك تورى مەخسۇس يېزىپ تەييارلىدى .
مەنبە :يۈچۈن ،دۇڭ شىياۋچۈن ئاسالىق تۈزۈگەن ‹دۇنيا تارىخى پىروگىراممىسى ›دىن ئېلىندى .1999-يىلىدىكى نەشرى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved