تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھىندونىزىيە دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تاتاڭ كۇرنىيات شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە يوقاپ كەتكەن ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى سۈزۈپ چىققانلىقى، قارا قۇتىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھىندونىزىيە ھەربىي تەرەپنىڭ غەۋۋاسلىرى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بۇ قارا قۇتىنى سۈزىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى تىك ئۇچار ئايروپىلاندا پاكالانبۇئۇن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزىگە يۆتكىدى ھەم شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھىندونىزىيە قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
ھىندونېزىيە دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تاتاڭ كۇردىيات مۇخبىرلار يىغىنىدا قارا قۇتىنىڭ پەقەت سۇدا ئىككى ھەپتىلا چىلىنىپ تۇرغانلىقى، ھېچ يېرى بۇزۇلمىغانلىقى، ئۇنى جاكارتاغا ئېلىپ بېرىپ سانلىق مەلۇماتنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قارا قۇتا ئايرۇپىلاندا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئېلىكترونلۇق خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ھەر بىر ئايروپىلاندا ئىككىسى بولىدۇ. ئۇ ئۇچۇش ئىگىزلىكى، سۈرئىتى، ئۇچۇش يۆنىلىشى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ ۋە ئۇچۇش بۆلۈمىدىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئۈنئالغۇغا ئالىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved