پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى، 21-دېكابىر خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە تەۋەلىكىدىكى بىر قۇتقۇزۇش خادىمى ئاۋسترالىيەدە خەتەرگە قارىماي دېڭىز دولقۇنى ئېقىتىپ كەتكەن 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇۋالغان، كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىر كىچىك شاھزادىنى، يەنى دانىيە ۋەلىئەھدىنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى بايقىغان.
يېڭى زېلاندىيە <<ئاۋانگارت>> گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قۇتقۇزغۇچى نىك مالكولم شۇ چاغدا ئاۋسترالىيە ئالتۇن دېڭىز قىرغىقىدىكى <<پەرى بېلىق>> ساھىلى دولقۇن رايونى بىر 10 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالىنىڭ خەتەردە قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان. ئۇ دەرھال قېيىقنى ھەيدەپ بالىنى تۇتۇۋالغان. بالا ئەسلىدە بىخەتەر دېڭىز ساھىلىدا سۇ ئۈزۈۋاتقاندا دولقۇن ئېقىتىپ كەتكەنىكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئوغۇل بالا دانىيە ۋەلىئەھدىنىڭ ئوغلى پرىنسى كرىستىيان ئىكەن.
![]() |
500 مىليون فونىدسىتىرلىڭغا چېتىلغان، نامى «مالايسىيا تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت ئاجرىشىش دېلوسى» غا مالايسىيا پايتەختى كۇئالالامپۇر فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىدۇ.
مالايسىيادا تۇغۇلغان بۇ بىر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved