شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27-يانۋار تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-يانۋار ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەنكى بىر يىلدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئومۇمەن قارىغاندا، مەيلى ئىقتىساد، سودا، ئىككى ئارمىيە، ئادىمىيەت، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە بولسۇن، مەيلى كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق خەلقئارا، رايون ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىقى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئىككى تەرەپ بۇنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق يېقىندىن ماسىلىشىش ۋە چۈشىنىشنى ساقلاشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، بېكىتىلگەن ھەمكارلىق قارالمىلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم خەلقئارا، رايون ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن كۆپ قېتىم ئېيتقان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى دۇنياغا پايدىلىق چوڭ ئىش. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاسماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق بېيىدىغان پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ، رايون ۋە يەرشارىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  كېررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى تەرەپ ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ ۋە چۈشىنىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ‹‹پارىژ كېلىشىمى›› ۋە ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇمىي كېلىشىمى قاتارلىقلاردا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. زۇڭتۇڭ ئوباما رەئىس ئەپەندىم بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
28-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek