يەر شارى خەۋەر تورى 12-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران دۆلەت تېلىۋېزىيسى «ئەل-ئالەم» نىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ھىساباتى ئىنتېرنىت خاككېرلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىندى. ئەرەبچە تارقىتىلىدىغان «ئەل-ئالەم» تېلىۋېزىيسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قانالنىڭ تىۋېتتىر ۋە يۇتۇبى ھىساباتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىنتېرنىت خاككىرلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقى، ۋە بۇ جەرياندا يۇقارقى ھىساباتلار ئارقىلىق يالغان خەۋەرلەرنىڭ تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۈگۈن ئەتىگەندە «ئەل-ئالەم» نىڭ يۇتۇبى ھىساباتىدىن سەئۇدى پادىشاھىنى ماختىغان بىر سىن كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنغان، قانالنىڭ تىۋېتتىر ھىساباتىدا بولسا ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى «ھۇسىيلەر» رەھبىرى ئابدۇلمەلىك ھۇسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئالاقىدار بىر ئۇچۇر تارقىتىلغان.
باياناتتا يەنە، مەزكۇر ھىساباتلارنى خاككىرلاردىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved