9-يانۋار، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئاھالىلەر خالتىلارغا قاچىلانغان قارنى قار تېيىلىش مەيدانىدىكى مۇسابىقە يولىغا ئاپاردى، بەزىلىرى ئىككى خالتا قارنى كۆتۈرسە، بەزىلىرى بىرلىكتە كۆتۈرەتتى ۋە چۈشۈرەتتى 9-يانۋار، فۇكاڭ شەھىرى تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، ئاپئاق قارلىق تاغ ئېتىكىدە 300 گە يېقىن ئادەم 200 مېتىردىن ئارتۇق قار يولىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىن قوللىرىدا 4~5 كىچە خالتىلارنى سۆرىشىۋالغانىدى. بەزىلىرى 1~2 خالتىلاردا قارلارنى كۆتۈرۈپ، مۇسابىقىدە ئىشلىتىدىغان قار يولىغا يۆتكەۋاتاتتى. جۈمەن دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلاردىن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئادەم كۈچى ئارقىلىق قار دۆۋىلەپ مۇسابىقە يولى ياسىشىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۈگۈن ئەتىگەندە سائەت 8:00 بولماستىلا يېتىپ كەلدىم»، دېدى .
قابىك بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى باشلاپ بەرگۈچى.ئۇ سەنگۇڭ قازاق يېزىسىدا تۇرىدۇ، قازاق مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنڭ يۇرتۇمدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن بەك خۇش بولۇپ، ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم، ئالدىنقى ئىككى كۈندە قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇسابىقە يولى ياساشتا، قارنى ئاپتوموبىلدا يۆتكىسە بەك چىڭدىۋېتىدىغانلىقى، ئادەم ياللايدىغانغا ۋاقىتنىڭ قىسلىقى سەۋەبىدىن پىدائىيلارنى يىغىپ قار يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدىم.
قابىك كەنتكە قايتىپ، ئەتراپتىكى كەنت باشلىقلىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى بەك قوللىدى. دەرھال شۇ يەردىكى قىزغىن كىشىلەرنى ھەپتە ئاخىرىدىن پايدىلىنىپ، ياردەملىشىشكە چاقىردى.
ئىگىلىنىشىچە، قار يۆتكەشكە قاتناشقان ئاھالىلەر ئىچىدە ئەڭ كىچىكى 23 ياش، ئەڭ چوڭى يەتمىش نەچچە ياش ئىكەن.
قابىك مۇنداق دېدى: «ياردەمگە كەلگەن ئادەم خېلى كۆپ، بىز ئۇلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلدۇق، بۈگۈن 300 ئادەم كەلدى، ئەتە 300 ئادەم كېلىدۇ. مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر قېتىم تىرىك ‹‹لېي فېڭ›› بولدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى كەنت ئاھالىلىرى جەمئىي 60 مىڭ خالتىدىن كۆپرەك قار يۆتكىگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved