جاھان ئاگېنتلىقى 24-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيەدە، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمان ئارمىيسىگە قارشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق ھارپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن 400 مىڭ جىنايەتچىگە ئۇمۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى.
روسىيە پارلامېنتنىڭ ئاساسى قانىتى بولغان دۇما، پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەگە قارشى غەلبە قازانغانلىقىنىڭ 70 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇمۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلىنىش تەلىپىنى ماقۇللىدى. بۇ ئۇمۇمى كەچۈرۈم ئالاھىدە جىنايەت سادىر قىلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ، بۇ كەچۈرۈمگە 350 مىڭ بىلەن 400 مىڭ كىشىنىڭ ئېرىشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. بۇ ئۇمۇمى كەچۈرۈم جازانى تۈۋەنلىتىش ياكى تۇتۇپ تۇرۇلۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش شەكلىدە ئىجرا قىلىنىدۇ. روسىيەدە يېقىندا 2013-يىلى 18-ئۆكتەبىردە ئاساسى قانۇننىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئىدى، تەخمىنەن 70 مىڭ كىشى بۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن ئىدى.
9-ماي غەلبە كۈنى بولسا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان كۈن بولۇپ، روسىيە ۋە بىر قىسىم سابق سوۋىت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ھەر يىلى بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ.
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved