قازاقىستان زوڭتوڭى دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردى

2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، قازاقىستان زوڭتوڭى نەزەربايوف دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، بۇ تەكلىپ شۇ ھامان شۇ يەردىكى تاراتقۇلار قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.
6 – چىسلا، نەزەربايوف غەربتىكى ئاتىرائۇ شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بېرىپ، شۇ يەردىكى ئاۋام ۋەكىللىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە، نەزەربايوف مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، «ھازىرقى قازاقىستان دېگەن نامنى ‹قازاق ئېلى› دەپ ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەكمۇ قانداق؟»
ئۇ مۇنداق دېدى، «ھازىر ئېلىمىزنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا، ئاخىرى ‹ستان› بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىراق ئىككى مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بار موڭغۇل دۆلىتىنىڭ نامىدا ‹ستان› دېگەن سۆز يوق. شۇڭا چەتئەللىكلەر موڭغۇل دۆلىتىگە بەكرەك قىزىقىدۇ. شۇڭا، بىز چوقۇم دۆلەت نامىنى ‹قازاق ئېلى› دەپ ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىمىز كېرەك».
بۇ تەكلىپنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە قارىتا، نەزەربايوف مۇنداق دېدى، «بىز چوقۇم ئاۋۋال خەلق بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىنى ئوبدان پىكىرلىشىشىمىز كېرەك». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەزەربايوف مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى قازاقىستاننىڭ ئەۋزەللىكى، پەقەت مىللەتلەر ئىتتىپاق، دۆلەت بىرلىككە كەلگەن ئاساستىلا ئاندىن دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېدى.
قازاقىستان زوڭتوڭىنىڭ دۆلەت نامىنى «قازاق ئېلى» دەپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىدىكى سەۋەب، «ئېلى» دېگەن گەپ قازاقچىدا «دۆلەت، ۋەتەن، يۇرت» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا «قازاق ئېلى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «قازاقلار دۆلىتى» دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر قازاقىستان زوڭتوڭىنىڭ بۇ يېڭى تەكلىپى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بولۇپمۇ ئاتىرائۇ شەھىرىدىكى يەرلىكلەر زوڭتوڭنىڭ بۇ تەكلىپىنى راسا ماختاشتى.
بىراق شۇ يەردىكى خېلى كۆپ تاراتقۇلار مۇنداق دېيىشتى، نەزەربايوفنىڭ تەكلىپى قازاقىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ، كۆزگە بەكرەك چېلىقىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە بۇ خىل «باشقىلارغا زادى ئوخشىمايدىغان» ئالاھىدىلىك قازاقىستانغا نۇرغۇن نەپ ئېلىپ كېلىپ، چەتئەلدىكى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قازاقىستانغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ.



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek