جاھان ئاگېنتلىقى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان پارلامېنتى، پرېزىدېنت ئەشرەف غەنى تەرىپىدىن يېڭى كابىنېت ئۈچۈن ئىككى ھەپتە بۇرۇن سۇنۇلغان 16 كىشىنى ئۇمۇمى ئاۋازغا قويدى. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان 16 مىنىستىر نامزاتى ھەققىدە بۈگۈن پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بېرىلدى. پارلامېنتقا سۇنۇلغان بارلىق مىنىستىر نامزاتلىرى خەلق ۋەكىللىرىدىن قوللاشقا ئېرىشتى. پرېزىدېنت غەنىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە، كابىنېتتىكى 25 مىنىستىرلىك ئورنىدىن 4 ى ئاياللارغا بېرىلدى.
ئاۋازغا قويۇش ئاخىرىدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى كابىنېتى تەخمىنەن 6 ئايدىن كېيىن قۇرۇلغان بولدى. ئەمما ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن رايۇنلىرىدا تالىبان ۋە ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ ، تېخىچە دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى بېكىتىلمىدى. ئەشرەف غەنى، ئىككى ھەپتە بۇرۇن سابق كومىنىستلاردىن بولغان ئەفزەل لودىننى مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتى قىلىپ تاللىغان ئىدى. ئەمما غەنى ۋە ئجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئارىسىدىكى پىكىر ئايرىمچىلىقى سەۋەبىدىن لودىن نامزاتلىقتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.
تەخمىنەن 2 ئاي بۇرۇن پرېزىدېنت غەنى كابېنت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 25 مىنىستىر نامزاتىنى پارلامېنتقا ئاۋازغا قويغان ئىدى، ئەمما سۇنۇلغان مىنىستىر نامزاتلىرىدىن پەقەت 8 نەپىرى قوللاشقا ئېرىشەلىگەن ئىدى.
ئافغانىستان كابېنتىدا بۈگۈنكى ئاۋازغا قويۇشتا سودا-سانائەت مىنىستىرلىكى ئۈچۈن ھۇمايۇن راسا، بىلىم ۋە مەدەنىيەت مىنسىتىرلىكى ئۈچۈن ئابدۇل بارى جاھانى، يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ئۈچۈن ئەسەدۇللاھ زامىر، چېگرا ۋە قەبىلىلەر مىنىستىرلىكى ئۈچۈن مۇھەممەد غۇلام مانگال، ئىقتىساد مىنىستىرلىكى ئۈچۈن ئابدۇلساتىر مۇراد، ئالاقە مىنىستىرلىكى ئۈچۈن مۇھەممەدۇللاھ باتاش، مائارىپ مىنىستىرلكى ئۈچۈن ھەنىف بەلخى، رايۇن تەرەققىيات مىنىستىرلىكى ئۈچۈن سائادەت مەنسۇر نادىرى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئۈچۈن ئابدۇل بەسىر ئەنۋەر، تېخنىكا مىنىستىرلىكى ئۈچۈن ئابدۇرازاق ۋەھىدى، ئىنىرگىيە مىنىستىرلىكى ئۈچۈن ئەلى ئەھمەد ئوسمانى، ئالى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۈچۈن فەرىدە موھمەندە، ئىجتىمائى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۈچۈن نەرسىن ئۇرياھەل، ئاياللار مىنىستىرلىكى ئۈچۈن دىلبەر نازىرى، زەھەرلىك چېكىملىك كۈرىشى ئۈچۈن سالامەت ئەزىمى نامزات بولۇپ كۆرسىتىلدى.
ئافغانىستاندا ئ2014-يىلى 14-ئىيۇلدا ئىككىنجى تۈرلۈك سايلامدىن كېيىن نامزاتلاردىن ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ سايلام نەتىجىسىنى رەت قىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن غەنى ۋە ئابدۇللاھ، مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتنى تەڭ بۆلۈشۈپ باشقۇرۇش ھەققىدە كېلىشكەن ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى كابىنتىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مىنىستىرلارنىڭ يېرىمىنى غەنى، يېرىمىنى ئابدۇللاھ بېكىتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved