يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى يوھان فىلىپ 11-مارت ۋىكتورىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ ، بۇ يىل 9-ئايدا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ بولغان كېيىن ، دۆلەت بايرىقىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ھازىرقى دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۆتكەن مۇستەملىكە ۋە كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھازىرقى دۆلەت بايرىقىنىڭ سول تەرىپىگە ئەنگىلىيە مۇستەملىكە رايونى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئەنگىلىيە بايرىقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ؛ ئوڭ تەرىپىگە تۆت دانە قىزىل بەش يۇلتۇز ۋە جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇ ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارغا تەۋە ئىكەنلىكىگە ، مۇستەقىللىق ۋە ئۈمىدگە سىمۋول قىلىنغان .
نۇرغۇنلىغان يېڭى زېلاندىيەلىكلەرنىڭ قارىشىچە ، ھازىرقى دۆلەت بايرىقى ئاۋسترالىيە دۆلەت بايرىقىغا بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ، ھەمدە يېڭى زېلاندىيە مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىكەن . زۇڭلى يوھان فىلىپ بايراق تەگلىكىنىڭ قارا رەڭدە قىلىنىپ ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈملۈكى ‹‹ كۈمۈش پاپورتنىك ›› نىڭ چۈشۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
بۇلتۇر يېڭى زېلاندىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، %61 خەلقنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنىڭ بارلىقىنى ، %39 خەلقنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان . بىراق پەقەت %18 خەلق زۇڭلىنىڭ يېڭى دۆلەت بايرىقى لايىھەسىنى قوللايدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved