جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر «تەڭرىتاغ» ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ : سىلەرنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمەن». ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر 20- مارت چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى تىرېنېرلار، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەم كوماندا ئەزالىرىنىڭ مەشىق، تۇرمۇش ۋە جۇڭگو ئاياللاركەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ۋە دائىملىق مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى سورىدى.
يېقىندىلا ئاياغلاشقان 2015-، 2016- يىللىق جۇڭگو ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە 3 - بولغان جياڭسۇ كوماندىسى، 6 - بولغان شاڭخەي كوماندىسى ۋە جېجياڭ، فۇجيەن كوماندىلىرىنى يېڭىپ، گۇرۇپپىدا 1 - بولۇپ، جۇڭگو ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ دائىملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى بولۇپ، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئۈچ مىللەت تەنھەرىكەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن. كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بويى 185 سانتىمېتىر، ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياش بولۇپ، دۆلەت ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىغانلارمۇ، دۆلەت قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىغانلارمۇ، پېشقەدەملەرمۇ، يېتىلىۋاتقانلارمۇ، ياشلارمۇ بار بولۇپ، ياش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىقلاشقان.
جاڭ چۈنشيەن شۇجى شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن ئاچقان ھەم كۆپ قېتىملىق يىغىندا كوماندا قۇرۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇلتۇر 11 - ئايدا شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان، بۇ يىل 2 - فېۋرال كوماندا رەىسمىي قۇرۇلغان. بۇ كوماندىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە قېرىنداش ئۆلكە - شەھەرلەر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلمايدۇ.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىپتىخارى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 1963- يىلى مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولۇپ، شانلىق سەھىپە ياراتقان، شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى قۇرۇلغىنىغا 40 نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، تاللاش مۇسابىقىسىدە ئارقا - ئارقىدىن زەپەر قۇچۇپ، شىنجاڭچە روھنى ۋە يۇقىرى ماھارىتىنى نامايان قىلدى.
شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جەن شۇپىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكىلەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بولۇپمۇ جاڭ چۈنشيەن شۇجى چاغاننىڭ ئالدىدا ئالاقىدار رەھبەرلەرگە ھاۋالە قىلىپ بىزدىن ھال سورىدى، بۈگۈن يەنە مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ كوماندىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. بۇ كوماندىدىكى بارلىق خادىملارغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.
باش تىرېنېر جەن شۇپىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تىرېنېر بولۇپ، شېنياڭ ھەربىي رايونى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەملىكەت بويىچە كۆپ قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەسسە قوشقان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنى ئىستىلدا قەتئىي، ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان كوماندا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىشەنچىم كامىل، شىنجاڭ خەلقىگە سەرخىل ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرىمىز.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جەن شۇپىڭنىڭ تىرېنېرلىق ماھارىتى يۇقىرى، كوماندىنى يېتەكلەشكە ماھىر، كوماندا ئەزالىرىنىڭ غەيرىتى ئۈستۈن، ئۇلار شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۈلگىسى؛ سىلەرنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، كوللېكتىۋىزملىق ئاڭنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇسابىقىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاياللار ۋاسكېتبول ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ «تەڭرىتاغ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەرنىڭ دەم ئېلىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، گۇاڭدۇڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى تەكلىپ قىلىپ، سانجى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى يېزىلار، مەكتەپلەردە ئويۇن كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ھەر بىر كەنتتە بىردىن ۋاسكېتبول مەيدانى ياساپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، سىلەرنىڭ نەتىجەڭلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن چوڭ ئىلھام، ئويۇن كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ ئېلىشىش، تىرىشىش، كۈرەش قىلىش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىرىگە، تارقاتقۇچىلىرىغا، ئەمەلىيەتچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن كوماندىدىكىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇسابىقىدە ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئېلىشىش روھى؛ كوماندا ئەزالىرى ئالغا ئىنتىلىش روھىنى، پەزىلىتىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، ئىستىلدا قەتئىي بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شىنجاڭلىقلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى، شىنجاڭچە روھنى نامايان قىلىشى، شىنجاڭنى ئۆز ئائىلەم، دەپ بىلىپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈشى، شىنجاڭنى قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
22-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek