‹‹ئازاد زامان›› دېگەن ناخشا ئېيتىلىشى بىلەن ‹‹تەڭرىتاغ بۇلبۇلى›› دەپ نام ئالغان تۆھپىكار سەنئەت پېشۋاسى، ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى پەخىرلىك ئۇستاز پاشا ئىشاننىڭ سىماسى ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ.
پاشا ئىشان 60 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا بارلىقىنى سەنئەتكە بېغىشلاپ، ۋەتەننى، خەلقنى، گۈزەل يۇرتنى كۈيلەپ نۇرغۇن ناخشىلارنى ئېيتتى، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىترىتىپلا قالماي، چەت ئەل سەھنىلىرىدىمۇ ناخشا ئېيتىپ، چەت ئەل تاماشىبىنلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ، ئېلىمىزگە، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈردى.
پاشا ئىشان غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتى، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ سۈزۈك، جاراڭلىقلىقىنى ھېس قىلىپ، مەكتەپتە سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلسىلا ئۇنى ئالدىغا تىزىپ قويىدىغان بولدى. مەرھۇم رەھبىرىمىز سەيپىدىن ئەزىزى 1953 – يىلى غۇلجا شەھىرىگە بارغاندا پاشا ئىشاننىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئۇنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشنى تاپىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاشا ئىشان 13 يېشىدا غۇلجا شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىكى(ھازىرقى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى)دە ئىشلىگەن. پاشا ئىشان بۇ ئۆمەككە كەلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم مەرھۇم سەنئەتكار ھۈسەنجان جامىنىڭ ئىجادىيىتى ‹‹ئازاد زامان››نى ئېيتىپ، ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللانغان داڭلىق ئارتىسلار بىلەن چاۋشيەنگە بېرىپ، ئامېرىكا – چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان جۇڭگولۇق جەڭچىلەردىن، چاۋشيەن خەلقىدىن ھال سوراش ئويۇنى قويۇشقا قاتناشقان؛ 1955 – يىلى 15 يېشىدا ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹دۇنيا ياشلىرى سەنئەت فېستىۋالى››غا قاتنىشىپ، 2 – دەرىجىلىك ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلانغان؛ 1957 – يىلى پايتەخت بېيجىڭ سەھنىسىدە ناخشا ئېيتىپ، رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان؛ 1961 – يىلى جۇ ئېنلەي زۇڭلى بىلەن بىللە ھىندونېزىيە، بىرما، نېپال، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ چەت ئەل سەھنىلىرىدە ناخشا ئېيتىپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. پاشا ئىشان ھازىرغىچە 20 نەچچە دۆلەتكە چىقىپ ناخشا ئېيتىپ، نۇرغۇن مېدال، مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
پاشا ئىشان جەمئىيەت، خەلق تەربىيەلىگەن ناخشىچى. ئۇ سەنئەت ھاياتىدا خەلق سەنئەتكارلىرىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، سەنئەت يولىدا ئىزدەندى، باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نادىر ناخشىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىدى. پاشا ئىشاننىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى، جاپالىق ئەمگىكى ئۇنى ئەل – يۇرتقا تونۇتتى، خەلق ئۇنى ئالقىشلىدى، گۈل دەستىلەرنى تۇتتى. پاشا ئىشان يالغۇز ناخشىچىلا بولۇپ قالماي، يەنە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش جەھەتتىمۇ كۈچ چىقاردى. 1978 – يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى؛ 1993 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئىككى نۆۋەت ئۆتىدى. پاشا ئىشان بۇ جەرياندا نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ – تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامما بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى، ئۆزىنىڭ ئەزالىق، مۇئاۋىن رەئىسلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلدى.
پاشا ئىشان 2009 – يىلى پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى توختاپ قالغىنى يوق، ئۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ ھال سوراش ئويۇنلىرىنى قويۇش پۇرسىتى بولسا، تۇنجى بولۇپ شارائىتى ناچار، جاپالىق ئورۇنلارغا ئويۇن قويۇشقا بېرىشقا تىزىملاتتى، بىر نەچچە قېتىم ئاساسىي قاتلامغا ئويۇن قويۇشقا بېرىپ ناخشا ئېيتىپ، شۇ يەردىكى دېھقان – چارۋىچىلارغا روھىي ئوزۇق ئاتا قىلدى.
پاشا ئىشان مۇنداق دېدى: مەن يېڭى جۇڭگو تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ناخشىچى، مېنىڭ شەپقەتچىم پارتىيە. يېڭى جۇڭگو، پارتىيە بولمىغان بولسا مېنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار كۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى. ھازىر ياشىنىپ قالغان بولساممۇ تىنىقىم توختاپ قالغۇچە پارتىيەنى، ئازاد زاماننى كۈيلەيمەن. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 60 يىل بولدى، سەنئەت ھاياتىمغىمۇ 60 يىل بولدى. مەن بۇ 60 يىلدىكى تەرەققىياتلارنىڭ شاھىتى. يېقىندا 55 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى نامايان قىلىش ھەم ناخشىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە ناخشىلىرىمنى سېغىنغان خەلقىمنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىللىق تويىغا ئاتاپ، 1950 – يىللاردىن ھازىرغىچە ئېيتقان ناخشىلىرىمدىن تاللاپ، يۈرۈشلۈك ئۈن – سىن پىلاستىنكىسى ئىشلەپ تارقاتتىم، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس پىروگراممىغا قاتناشتى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved