فىنلاندىيە ھەرئايدا ھەربىر پۇقراغا شەرتسىز 5567 يۈەن تارقىتىشى مۇمكىن

فىنلاندىيە زوڭلىسى جۇخۇ سىپىل

       ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى» نىڭ 6-دېكابر خەۋىرى، ھازىر فىنلاندىيە دائىرىلىرى ھەر ئايدا ھەربىر پۇقراغا شەرتسىز باج كەچۈرۈم قىلىنغان 800 ياۋرو (تەخمىنەن 5567 يۈەن) تارقىتىشىنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

      فىنلاندىيە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىدارىسى تەييارلىغان تەكلىپ لايىھىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خەلق ئومۇمىي كىرىمى مەيلى كىرىمى  بولسۇن ياكى بولمىسۇن بارلىق قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرگە تارقىتىلىدىكەن، ھەمدە باشقا بارلىق پاراۋانلىقلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ لايىھە 2016-يىلى 12-ئايدا تاپشۇرۇلىدىكەن. ئەگەر بۇ لايىھە پۈتۈنلەي ئىجرا قىلىنىپ قالسا، فىنلاندىيە ئاساسىي كىرىم لايىھىسى سەۋەبلىك ھەر يىلى 46 مىليارد 700مىليون ياۋرو ئاجرىتىدىكەن.

    ھازىر فىنلاندىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى رېكورت يارىتىش ھالىتىدە تۇرماقتا، ئاساسىي كىرىم لايىھىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھازىر، فىنلاندىيەدىكى ئەمگەك كۈچى ئارىسىدا %10 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشسىزلىق ھالىتىدە تۇرماقتا، ياشلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %22.7 گە يېتىدۇ. فىنلاندىيە زۇڭلىسى جۇخا سىپىلمۇ بۇ لايىھەنى قوللايدۇ، ئۇ: «ماڭا نىسبەتەن، ئاساسىي كىرىم جەمئىيەت پاراۋانلىق سىستېمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ».

فىنلاندىيە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %69 گە يېقىن فىنلاندىيە پۇقراسى ئاساسىي كىرىم لايىھەسىنى قوللايدىكەن. بۇ لايىھەگە قارشى تۇرغۇچىلار كۆرسىتىپ، بۇ لايىھە تېخىمۇ يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېدى. قوللىغۇچىلار بولسا بۇ خىل لايىھە ئىلگىرى نەتىجە قازانغان. كانادادىكى كىچىك بازار دوفىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئاساسىي كىرىم پاراۋانلىق پىلانىنى يولغا قويغان، نەتىجىدە ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىدە بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل بولغان دېگەن.

گوللاندىيەدىكى شەھەر ئۇترېشىت ئاساسىي كىرىم لايىھەسىنىڭ سىناق نۇقتىسى. كېلەركى ئايدىن باشلاپ بۇ شەھەردىكى 250 دىن ئارتۇق ئىشسىز ئاھالە ئايلىق كىرىمگە ئېرىشىدۇ، تەتقىقاتچىلار بۇ ئاساسىي كىرىمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆزىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، شۋېتسارىيەمۇ خەلق ئاساسىي كىرىم پىلانىنى قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇ دۆلەت 2016-يىلى « شەرتسىز ئاساسىي كىرىم پۈتۈن خەلق تەكلىپى»توغرۇلۇق ئومۇمىي خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزمەكچى. ئەڭ يېقىنقى توردا خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، %49 شېۋېتسارىيەلىك بۇ پىلانغا قوشۇلىدىكەن.   



خەتكۈچلەر:
07-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek