ئۇكرائىنا ئارمىيسى 15-چېسلا كىراماتورىسكىدا بىر قېتىملىق رۇسىيەگە مايىل قوراللىق خادىملارغا قارىتا ئالاھىدە ھەركەت ئېلىپ بېرىپ 11 ئادەمنىڭ ئۆلشىگە سەۋەب بولغان، ئاندىن ئۇكرائىنا ئارمىيسى سىلاۋىسياڭكىغا تۇتشىدىغان بارىلىق يوللارنى قامال قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلشىچە ، ئۇكرائىنا ئارمىيسىنىڭ ئايرىدرومغا قىلغان ھۇجۇم ھەركىتىدە ، 45 ئەسكەر يۆتكەش بىرونۋىكى ، 15 تانكا ۋە 3 تىك ئۇچار ئايروپلان قوزغىتىلغان. ئۇكرائىنا ئارمىيسى بىرونۋىكقا ئولتۇرۇپ يېقىنلىشىپ كەلگەندە ، دەسلەپ قوراللىق كۈچلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئاندىن تۇيۇقسىز ئوق چىقارغان. ئۇكرائىنا ئارمىيسى ھازىر كىراماتورىسكىغا تۇتشىدىغان بارىلىق يوللارنى قامال قىلغان بۇلۇپ ، بۇ شەھەرنى مەھكەم ساقلاشقا تەييارلىق قىلغان.
شەھەر ئىچىدىكى رۇسىيەگە مايىل قوراللىق كىشىلەر 16- چېسلا ساقچىخانا قوماندانلىق شىتابىدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن، لىكىن ئارقىدىن ئامانلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ بىناسىنى ئىگەللىۋالغان. يەنە بەزى مۇخبىرلار ئۇكرائىنا ئارمىيسىنىڭ سىلاۋىسياڭسىكىغا تۇتشىدغان يولدا پەيدا بولغانلىقىغا شاھىد بولغان ، ئۇلارنىڭ دىيشىچە ئەينى ۋاقىتتا 20 تانكا ۋە 100دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئەسكىرى ئولتۇرغان بىرونۋىكلار بار ئىكەن.
رۇسىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە ، ئۇكرائىنا ئاللىقاچان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كىلىپ قالغان. ئۇكرائىنا ئۆز ئارمىيسىگە دۇننىيېزىك شىتاتىنىڭ شىمالىدىكى رۇسىيەگە مايىل كۈچلەرگە قارىتا ‹‹ تېرورلۇققا قارشى ›› ھۇجۇم قوزغاشنى جاكارلىغان. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رافۇلوف ئاگاھلاندۇرۇپ ، بۇخىل ‹‹جىنايى ›› قىلمىشنىڭ 17-چېسلا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئۇكرائىنا ۋەزىيتى سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇكرائىنا مەسلىسى تۆت تەرەپ يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى جەنۋەدە ئېچىلماقچى بولغان ، ئەمما ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيتى تۇيۇقسىز يامانلىشىپ ئىچكى ئۇرۇش كۆپلەپ پارتىلغان.
ئۇكرائىنا ئامانلىق ساقلاش قوماندانى لۇكتوف .ئەگەر شەرقىي قىسىمدىكى رۇسىيەگە مايىل قوراللىق كۈچلەرنىڭ داۋاملىق قورال تاشلىمايدىغان بولسا ‹‹تارمار قىلىش›› قا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ، لىكىن قوراللىق كۈچلەر قىلچە پەرۋا قىلماستىن 10غا يېقىن شەھەرنىڭ ھۆكىمەت بىنالىرىنى ئىگەللىۋالغان.
ئۇكرائىنا ۋەزىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ، 16- چېسلا رۇسىيە باش مىنىستىرى مىدىدىۋ ئۆزىنىڭ ئانچە ئۈمۈدۋار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دىيشىچە ‹‹ ئۇكرائىنا ئەگەر يەنە قان تۆكۈش ۋەقەسى پەيدا ئۇ ھالدا بۇ دۆلەت ئىچكى ئۇرۇش قاينىمغا كىرىپ قالىدۇ .››
ئۇكرائىنا ھۆكىمىتى چۈشۈرگەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇقتۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىپ 24 سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ھۆكىمەت ئارمىيسى يەنىلا رۇسىيەگە مايىل قوراللىق كۈچلەرگە قارىتا ھېچقانداق ھۇجۇم قىلىش ھەركىتىنى قانات يايدۇرمىغان. بىراق ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، كاراماتورىسكىدىكى ساقچى باش شىتابىنى ئىگەللىۋالغان قوراللىق كۈچلەر ئۆزى خالاپ ئايرىلىشقا ماقۇل بولغان.
ۋاكالىتەن پېرىزدېنتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پارلامىنت باشلىقى تۇرچىنوفنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىرقى مەمۇر 16- چېسلا دونېتىسكىدىكى رۇسىيەگە مايىل قوراللىق كۈچلەرگە قارىتا كەڭ كۈلەملىك ‹‹ تېرورلۇققا قارشى ›› تازلاش ھەركىتى ئېلىپ باردىكەن. بىراق ئۇنىڭ يەنە ئېيتىشىچە ‹‹ تېرورلۇققا قارشى ھەركەت چۇقۇم تەدرىجى مەسئۇلىياتچانلىق ۋە ئىھتىياتچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇلىدۇ.››
تۇرچىنوف ئۇكرائىنا پارلامىنتىغا مۇنۇلارنى ئېيتقان:‹‹ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا ئەزەلدىن ۋەھشىيانە پىلانى بار ، ئۇلار ئۇرۇش ئوتىنى دونېتىسكىدىلا ياندۇرۇپ قالماي پۈتۈن جەنۇب ۋە شەرقىي رايونلارنىمۇ ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە باشلاپ قويماقچى .››
تۇرچىنوف ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پەنجىۋىنگە تېلىگىرامما يوللاپ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنىچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ شەرقىي رايوندىكى شەھەرلىرىگە بېرىپ ئۇكرائىنا ئارمىيسى بىرلىكتە ‹‹تېرورلۇققا قارشى ›› ھەركەتنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved