ھېسسىيات جەھەتتىكى توقۇنۇشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغان ئەر قىز دوستىنى قانۇنسىز نەزەربەند قىلىپ ئۇنى ئۇرغان. بۇ ئىشقا قارىتا سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ئىچىپ بىرخىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، بۇ زوراۋان ئەر يۇقىرىقى ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا تۈرمىدە يېتىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. يۈننەن ئۆلكىسى خوڭخې ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 4-چېسلا بۇ دېلونى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدىكى تىپىك ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە دېلو قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 19:00 دا، جاۋابكار دەي فامىلىلىك ھېسسىيات جەھەتتىكى توقۇنۇشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماي، مەجبۇرىي ھالدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياڭ فامىلىلىكنى مېڭزى شەھىرى ۋېنجۇ يولى بىرىنچى كوچىسى 31-نومۇرلۇق قورۇدىكى 407-ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويغان، ياڭ فامىلىلىكنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلىگەن، ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇنى ئۇرۇپ، ياڭ فامىلىلىكنىڭ يېنىك يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مېڭزى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى جاۋابكار دەي فامىلىلىكنى باشقىلارنى قانۇنسىز ھالدا نەزەربەند قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەي فامىلىلىك خوڭخې ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.
خوڭخې ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق، دەي فامىلىلىكنى دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي باشقىلارنى قانۇنسىز نەزەربەند قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇنسىز نەزەربەند قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قارىغان. دەي فامىلىلىك جازانى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە يەنە جىنايەت ئۆتكۈزسە، مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى مەمۇرىي جازا بېرىشنى، جىنايىتىنى قوشۇپ ئېغىرلىتىپ جازا بېرىشنى قارار قىلغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەي فامىلىلىك جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتى تونۇش پوزىتسىيەسى بىرقەدەر ياخشى بولغاچقا، قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلگەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنىڭ پاكىتلىرى ئېنىق، ئىسپاتلىرى تولۇق، قانۇننى ئىشلىتىشى توغرا، جازا مۇۋاپىق، سوت قىلىش تەرتىپى تەرتىپلىك بولغاچقا، نارازىلىق ئەرزى قايتۇرۇلۇپ ئەسلىدىكى ھۆكۈم ساقلاپ قېلىنغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى پىسكاتاۋاي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
|
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved