14-نۆۋەتلىك جۇڭگو تور تاراتقۇلىرى مۇنبىرى سۇجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى

14-نۆۋەتلىك جۇڭگو تور تاراتقۇلىرى مۇنبىرى 31-ئۆكتەبىر سۇجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن شيەنلياڭ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقى سۆزلىدى


خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو تور تاراتقۇلىرى مۇنبىرى 31-ئۆكتەبىر سۇجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى جۇڭگو ئىنتېرنېت تاراتقۇلىرى ساھەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىلىشى ھېسابلىنىدۇ. مۇنبەردە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى روھى يېتەكچى، ‹‹بىرلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭىچە تاراتقۇ قۇرۇپ چىقىش›› باش تېما قىلىنىپ، ‹‹تاراتقۇلارنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ھازىرقى يولى››، ‹‹سېفىرلاشقان دەۋردىكى تاراتقۇلارنىڭ يۈرۈشۈشى›› ۋە ‹‹بىرلىشىش روجىكىدىكى تېخنىكا يۈزلىنىشى›› قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن شيەنلياڭ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقى سۆزلىدى. جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گېڭ، سۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جوۋ نەيشياڭ مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپكە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.


مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ۋە سۇجوۋ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، شۇنداقلا مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاخبارات تور بېكەتلىرى، داڭلىق سودا تور بېكەتلىرى، ئىنتېرنېت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 350 تەك كىشى مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


جۇڭگو تور تاراتقۇلىرى مۇنبىرىنى دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، خەلقئارا لىنىيەسى تورى قاتارلىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاخبارات تور بېكەتلىرى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان، خەلقئارا لىنىيەسى تورى بىلەن سۇجوۋ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.



خەتكۈچلەر:
01-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek