بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 22-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بۇرۇندىنىڭ پايتەختى بۇجۇنبۇرادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سىياسىي سۆزلىشىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق سۆزلىشىشكە ئىلھاملاندۇردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشكە جەمئىيەت، بۇرۇندى ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى پارتىيەلەر ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئافرىقا ئىتتىپاقى، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بان كىمون سۆزلىشىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرگە ئاپىرىن ئېيتتى. ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇرۇندى ۋە مەزكۇر رايونغا داۋاملىق مەدەت بېرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved