گۋانتانامو تۈرمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى : ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 8-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ئالتە يىل بۇرۇن گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ بەس-مۇنازىرە قوزغىغان بۇ تۈرمە بۈگۈنگە قەدەر ئېچىلىپ ، ئەيىبلىنىدىغان ياكى سوت قىلىنىدىغان مەھبۇسلار قامالغان . يېقىندا ، گۋانتانامو تۈرمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ ، تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى نامايان قىلىنغان .


بۇ ‹‹11-سېنتەبىر ›› ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللىك تېررورچىلارنى قامايدىغان جايى ، ئىلگىرى ئامېرىكا بۇ يەرگە X نۇرلۇق لاگېر تەسىس قىلىپ ، مەھبۇسلارنى خورلىغانلىقى سەۋەبلىك ، دۆلەتنىڭ ئوبرازى ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ ، يامان ئاتاققا قالغان . ھازىر تۇرمە ئىچىگە كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ، كۇتۇپخانا قاتارلىقلار سەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەر يەنىلا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلار بازىلىق رولىنى ئويناپ ، ئامېرىكا تارىخىدىكى زۇلمەتلىك يىللارنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە .


گۋانتانامو تۈرمىسىدە نۆۋەتتە 149 نەپەر تېررورچى بار بولۇپ ، ئۇلار ھەر كۈنى رەسىم سىزىش ياكى كىتاب ئوقۇش بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ .لېكىن تۈرمە مۇھاپىزەتچىلىرى كۇبادىكى بىردىنبىر ماكدونالدتا تاماق يەپ ، دۇمىلىما توپ ، كالتەك توپ مەيدانلىرىدا كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ ، بۇ يەر ئامېرىكىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ھامبۇرگ بولكىخانىسى ، ئېرلاندىيە قاۋاقخانىسى ،Starbucks قەھۋەخانىسى ۋە رادىيو پونكىتىغا ئوخشاپ قالغان .


بۇ بازا كۇبانىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئامېرىكىنىڭ 1903-يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى روزۋېلىت جەمئىي 2000 تىللاغا ئىجارىگە ئالغان ، بۇ ئامېرىكا ھەر يىلى كۇباغا 4000 ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 24 مىڭ 804 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) ئىجارە ھەققى تاپشۇرغانغا باراۋەر بولۇپ ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ يەردە ئۆمۈرلۈك دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرىدىكەن .


2013-يىلدىكى باھالاشقا قارىغاندا ، ئامېرىكا ھەر يىلى گۋانتانامو دېڭىز ئارمىيە بازىسى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشقا ئاز دېگەندىمۇ 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 3 مىليارد 100 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ ) سەرپ قىلىدىكەن ، لېكىن تۈرمە ئاسراش ئۈچۈن 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 930 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ ) كېتىدىغان بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك تۈرمە دەپ ئاتالغان . گۋانتانامو تۈرمىسى 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلغاندىن باشلاپ ، بۇ يەرگە جەمئىي 779 نەپەر تېررورچى قامالغان ، نۆۋەتتە ، 22 دۆلەتنىڭ 149 نەپەر جىنايەتچىسى بۇ يەرگە داۋاملىق قامىلىۋېتىپتۇ .

 

 



خەتكۈچلەر:
10-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek