12-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئوت ئۆچۈرۈش نەق مەيدانىدا ئوت ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. 3-دېكابىر سائەت 21 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ شاللىق (مىدوڭ رايونى) رايونىدىكى بىر قەغەز زاۋۇتىدا تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئوت كەتكەن كۆلەم 3000 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. 4-دېكابىر سەھەر سائەت بىردە، ئوت ئاساسىي جەھەتتىن كونتىرول قىلىۋېلىنغان، بەختكە يارىشا ئۆلۈم-يېتىم توغرىسىدا دوكلات بېرىلمىگەن. ئوت كەتكەن ئورۇن چوڭ شاللىقتىكى شىنجاڭ يۈەندا قەغەزچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېخى ۋە ئىسكىلاتى بولۇپ، ئۈرۈمچى ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەتتە ئوتتۇرا ئەترەت 31 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن، نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى يەنىلا جىددىي داۋاملىشىۋېتىپتۇ.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved