شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلغان خەلقئارالىق مۇساپىرلار زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن، شۋېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، ئۇلار بىلەن مۇساپىرلار ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، شۋېتسىيە ھەر ھەپتىدە قوبۇل قىلغان مۇساپىرلار سانى 10 مىڭ ئادەم بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشغا بەك نارازى بولغان. ئۇلارنىڭ قارىشچە، بۇ مۇساپىرلار شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىغا مۇئەييەن بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇش رېتىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
مۇساپىرلار تاش بىلەن يول بويىغا توختىلىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئەينەكلىرىنى ۋە ئاھالىلەر ئۆيلىرىنىڭ ئەينەكلىرىنى چاققان بولۇپ، شۇ جايدىكى ئامما مۇشۇ سەۋەبلىك تاش ئېتىپ بىلەن قايتۇرما زەربە بەرگەن. كېيىن بۇ ئىش تېخىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، شۋېتسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاھالىلەر شۇ جايدىكى مۇساپىرلار لاگېرىنى كۆيدۈرۈگەن، ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشچە نۆۋەتتە، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved