گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچىياڭ بېرما زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى


جۇڭگو خەۋەر مەركىزى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچىياڭ ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بېرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن نايبىدو خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىپ ،17 -قېتىملىق جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنى ،17-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو ياپونىيە كورىيە رەھبەرلەر يىغىنى ،9-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى .ھەم بېرمىدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ،جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ خۇلەن ،جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ شۇپىڭ قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى .
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ئېلىمىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ قوشنىسى شۇنداقلا ئەڭ ئاكتىپ ھەمراھلىق ھەمراھى ،مەن شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە ،ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ،جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى تىنچلىقى مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈتۈۋاتىمەن ،جۇڭگو بىلەن بېرما ئۆز ئارا ئىشىنىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان يېقىن قوشنىلار ،ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە .مەن بېرما رەھبىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېرما بىلەن سىردىشىپ يېڭى دەۋىردە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا مەنپەت يەتكۈزۇپ ھەمكارلىشىشنى بىرلىكتە پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ جۇڭگو بېرما ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن ›.
زىيارەت مەزگىلىدە لى كېىچىياڭ بېرما رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بېرما مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ، ئىككى تەرەپ يەنە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ .لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەپ تىنىچ مۇقىم رايون مۇھىتى بولغانلىقىدا ، بۇ شەرقىي ئاسىيا دىكى ھە رقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى ،ھەر قايسى تەرەپلەر سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ چۆرگىلىتىش چىڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ رايون تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۇنيادا خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ ئىقتىساد جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك .جۇڭگو ئىزچىل شەرقىي ئاسىيا رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدىغان كۈچ .جۇڭگو تىنىچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ ،بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيادىكى مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى ،ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى خالايدۇ .جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بالدۇرراق ئىناق قوشنىدارچىلىق ،دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى ،بۇ رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدىكى قانۇن ھۆججەتلىرىنى تۈزۈشنى شۇنداقلا رايون ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىخەتەرلىك ئىدىيىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدۇ ›.
لى كېچىياڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭى مەسىلىدىكى پرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى ،ئۇ مۇنداق دېدى :‹ جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم ،دېڭىزدا يۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە ،جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىتابنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،دېڭىزدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،زىچ ئۈنۈملۈك سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى باشلىدى . بىز جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قوش يول تەسەۋۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ پائال كېڭىشىپ ،كېڭىشىش ئاساسىدا جەنۇبىي دېڭى زھەرىكەت ئۆلچىمىنى بالدۇرراق تۈزۈشكە قوشۇلدۇق ،ھەم دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشتۇق .جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئېچىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ئىختىلاپلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ›.
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹شەرقىي ئاسىيانىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىقىدا مۇھىمى ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىىشنى تېزلىتىش كېرەك .بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
15-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek